欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某诈骗案)_博乐市人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

博乐市人民检察院 

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2021〕4号 

  بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب  ج ئەيىپلەش خەتلىك (2021) 04 -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار م*، ئەر،ئۇيغۇر، 1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6527011989********، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھىرى * كەنتى ،نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك * ساقچىخانىسى ،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020- يىلى11- ئاينىڭ12- كۈنى، ئالدامچىلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 11-ئاينىڭ18-كۈنى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق كىپىلگە بېرىلگەن.         

مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى (2020) 213-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار م*نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

2020-يىلى7-ئاينىڭ بېشىدا، جاۋاپكار م* تونىشى سوڭ *غا ئوغلۇڭ سوڭ ي*نى، بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن، بىر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن رەسمىيلەشتۈرۈپ قويىمەن دېگەن ھەم بىر ئادەم ئۈچۈن 20000(يىگىرمە مىڭ)يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن 2020- يىلى7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى سوڭ* بۇ خەۋەرنى جىيەنى سوڭ *گىمۇ دېگەندىن كېيىن سوڭ *مۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا سوڭ * دادىسى سوڭ * بىلەن بىللە م* بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ ۋە سو *نىڭ تىزىملىتىش ماتىرياللىرنى م*غا بەرگەن. 2020- يىلى9- ئاينىڭ3- كۈنى سوڭ* م*غا ئوغلى سوڭ *نى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن20000(يىگىرمە مىڭ)يۈەننى ئەۋەتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن م* سوڭ * بىلەن سوڭ*نىڭ تىزىملىتىش ماتىرياللىرىنى ئېلىپ، ئۈندىدار توپىدىن كۆرىۋالغان* خەلىققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقچى خادىمى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تىزىملىتىش ماتىرياللىرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋە سوڭ*گە خەلىققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقچى خادىمى بىلەن ئالاقىلشىشنى دەپ ئۇنىڭ تېلفۇن نومۇرنى ئەۋەتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن سوڭ *  ساقچى خادىمى بىلەن ئالاقىلىشىپ بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچى خادىمى ئېلىش ئېمتىھانىغا قاتناشقان. 2020-يىلى 9- ئاينىڭ8- كۈنى سوڭ *نى سوڭ *نىڭ 20000(يىگىرمە مىڭ)يۈەن پۇلىنى م*غا ئەۋەتىپ بەرگەن، سوڭ *مۇ نورمال تەرتىپ بىلەن ئېمتىھان بېرىپ كىرگەن، كەينىدىن سوڭ * خىزمەتداشلىرنىڭ ئۈندىدار توپىدا پۇل خەجلىمەيمۇ نورمال تەرتىپ بىلەن ئېمتىھان بېرىپ كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، دىلو مەلۇم قىلغان(زىيان ئىگسىگە قايىتتى).        

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار م*نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە باشقىلارنىڭ 40000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىغا ئاساسەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2021-يىلى 01-ئاينىڭ 04-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار كىپىلگە بېرىلگەن.

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top