欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某盗窃案)_博乐市人民检察院

2021-09-26 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕40号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 40-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار م**،ئەر،ئۇيغۇر، 2000-يىلى**-ئاينىڭ **–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6527012000********، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىشسىز، تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆي، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەلىك ج خ ئىدارىسى ** ساقچىخانىسى ،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن مۇددەتلىك يەتتە ئاي يىگىرمە كۈنلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىنچە قولغا ئىلىنغان ،ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.           

مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى (2020) 19-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار م**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

2019-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى جاۋاپكار م** سىرىتتا دوسلىرى بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەن، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 6لەردە، ئۆزى يالغۇز بورتالا شەھەر** سودا كوچىسىدىكى ** ئاشخانىسىغا كىلىپ، دۇككان خوجايىنىنى ئويغاتقان ھەم ئىشىكنى ئاچقۇزغان، ئاندىن دۇككان ئىچىگە كىرىپ ئارام ئالغان، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن ئاشقان ۋاقىتتا ئويغۇنۇپ ئۆزىنىڭ يانفونىنىڭ يۇقلىقىنى بايقىغان، ئاندىن دۇككان ئىچىدىكى پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدىكى دۇككان خوجايىنى ۋاڭ**نىڭ بىر دانە ۋىۋو ماركىلىق يانفونىنى ئوغۇرلاپ، نەق مەيداندىن ئايرىلغان. (بورتالا شەھەرلىك باھا بىكىتىش مەركىزى، ئوغۇرلانغان يانفوننىڭ باھاسىنى 400سوم دەپ باھالاپ بىكىتىپ چىقتى. زىيان ئىگىسىگە قايىتتى).

2019-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنى سائەت 11لەردە ، جاۋاپكار م** ۋاڭ**نىڭ يانفونىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كېيىن ،شۇ يانفوندا مەشخۇلات قىلىش ئارقىلىق، ۋاڭ ** نامىدىكى قۇرلۇش بانكىسى ھىساباتىدىن ئالدى-ئاخىر بۇلۇپ 20مىڭ يۈەن پۇلنى ۋاڭ**نىڭ نامىدىكى جىفۇباۋغا يۈتكىگەن، ئاندىن بورتالا شەھەر ** سودا كوچىسىدىكى ** پولوخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تۇنۇشىنىڭ يانفونىدا شۇ يانفون نۇمۇرىدا بىر جىفۇباۋ ئىلتىماس قىلىپ، ۋاڭ**نىڭ نامىدىكى جىفۇباۋدىن يىڭى جىفۇباۋغا ئالدى-ئاخىر بۇلۇپ9885 يۈەن پۇلنى ھىسابات يۈتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۈتكىۋالغان. ئاندىن بۇ پۇللارنىڭ   ئىچىدىن 3600سوم پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (2019- يىلى11- ئاينىڭ18- كۈنى جاۋاپكار  م** ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى ئىزدىشىدىن قورقۇپ قەپ قالغان 6285سوم پۇلنى زىيانلانغۇچى ۋاڭ **غا قايتۇرۇپ بەرگەن). 

2019-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنى سائەت 11لەردە ، جاۋاپكار م** ۋاڭ **نىڭ يانفونىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كېيىن ،شۇ يانفوندا مەشخۇلات قىلىش ئارقىلىق، ۋاڭ ** نامىدىكى قۇرلۇش بانكىسى ھىساباتىدىن 9000 يۈەن پۇلنى ۋاڭ **نىڭ نامىدىكى ئۈندىدارغا يۈتكىگەن، ئاندىن مۇرادىل شۇ ئۈندىدار ئارقىلىق 1000يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۈتكەپ خەجلەپ تۈگەتكەن، قالغان 8000مىڭ يۈەن پۇل ۋاڭ **نىڭ ئۈندىدارىدا قالغان، ۋاڭ ** بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا ھىساباتىغا يۈتكىۋالغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار م**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە باشقىلارنىڭ 10885يۈەن پۇلى ۋە بىر دانە 400يۈەن قىممىتىدىكى قول تېلفونىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65- ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top