شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ج ئى 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)889-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، كىملىك نۇمۇرى : xxxxxxxx 6541211998، يۇرتى غۇلجا شەھەر xx بازار xx كەنىت xx- نۇمۇر، شەھىرىمزدە مۇقۇم ئولتۇرغى يوق، مۇقىم كەسپى يوق، 2014-يىلى12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2018-يىلى 5-ئايدا جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇپ قۇيۇلۇپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مxx 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى زىيانلانغۇچى سۈن xx <xx ئولتۇراق رايۇنى> نىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى <xx سودا دۇكىنى> نىڭ ئىشىك ئالدىدىكى جوزىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان 576 يۈەن قىمىتىدىكى خۇاۋېي ماركىلىك كۆك رەڭلىك تىلفۇنىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار مxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 14:00لەر بىلەن ئاقسۇ شەھەر <xx ئولتۇراق رايۇنى> 21-بىنا ئاستىدىكى xx سودا چەكلىك شىركىتى (ھازىرقى ئاچچىقىم ئاچچىقلىرى پۇشۇرۇق دۇككىنى) نىڭ ئىچىدىن زىيانلانغۇچى نxxنىڭ 1560يۈەن قىمىتىدىكى ئوپپو ماركىلىق قىزىل رەڭلىك تىلفۇنىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كېتىپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاقسۇ شەھەر ئەسىر سودا سارىينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ سېتىش جەريانىدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارغا نەق پاكىت بىلەن تۇتۇلغان، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات-ماددى ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، رازىۋىتكا خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. شۇڭا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 222-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
ئېرپان ھامۇت
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论