شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2020] يىللىق **-نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******650102198207، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراپ قويۇلغان، بۇ قېتىم 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار م**نىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.
مەزكۇر دېلو 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 1-قېتىم دېلو ئىشلەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار م** 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئارقا تەرەپتىكى پىڭفاڭ ئۆينىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ، بىنانىڭ كەينىگە ئۆتۈپ زىيانغا ئۇچرىغۇچى جاڭ ** نىڭ « ** ئامبۇلاتۇريىسى» ئىشخانىسىنىڭ دەرىزىسىنى قايرىپ ئىچىپ كىرىپ ئۈستەل تارتمىسىدىن 2000 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ھەمدە پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
(2) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، قايتۇرۇپ بىرىش تالونى، تونۇتۇش خاتىرىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ [2017]**-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىسىنىڭ [2018]0662-نۇمۇرلۇق قويۇپ بىرىش گۇۋاھنامىسى، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلش كاپالەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسملەر؛
(3) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(4) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ؛
(5) ئۈن-سېن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار م** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: خۇرشىدە ئۆمەر
پۈتكۈچى: شىرىنگۈل ياسىن
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋابكار ھازىر 2-قاماقخانىدا قاماقتا. ئالاقىلشىش تېلفون نۇمۇرى: **، **؛
(2) تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام، 3 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论