كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )125-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار مXX، ئەر، 1958-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، ئالىي تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528011958، ئۇيغۇر، پېنسىيونېر ،ئىلگىرى جازالانمىغان. نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھەر XX يولى XX-قورو XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھەر XX يولى XX-قورو XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇر، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بىرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار مXX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى8 -ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 22دىن 40 مىنۇتلار ئەتراپىدا، جاۋابكار مXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新MXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشنىسىنى ھەيدەپ، كورلا شەھەر غەربىي دەريا ساھىلى يولىدا شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ مېڭىپ، كوڭ چۆ لەن ۋەن ئولتۇراق رايونى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قارشى يۆلۈنۈشتە كېلىۋاتقان شۈXX ھەيدىگەن 新MXXXX نومۇرلۇق ماشىنىغا سوقۇلغان، نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان، شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپات باھالاش مەركىزى (2019)4838-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا، مXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر 100 مىللىلىتىردا 191.67 مىللىگىرام دەپ باھالاپ بىكىتىكەن. كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2019) 698702-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىدە، جاۋابكار مXX بۇ قىتىملىق قاتناش ھادىسىسدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۈXX بۇ قىتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان سۆرئىتى ۋە خەرىتىسى، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مXX قاتناش - تىرانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار مXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : پەزىلەت مۇھەممىدىن
2020-يىلى 3-ئاينىڭ20-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، ئون نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
(2) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بىرىلگەن .
(3) جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىش تىل خىتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论