欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某故意伤害案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                    ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞166–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار مۇ***، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501031990، ئالى تېخنىكوم مۇلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى *** يولى ***-نۇمۇر **-بىنا *-زال ***-ئۆي. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش قىلمىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى ياڭزىجاڭ يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 10 توختۇتۇپ قۇيۇلغان. بۇ قېتىم قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىز قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مۇ***نىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 8–ئاينىڭ 5-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 12:00 ئەتراپىدا، جاۋابكار مۇ*** قارا تاكسىدا كىرا قىلىش ئۈچۈن شەھرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى شىنخۇا شىمالى يولى مېيلىخۇا مىھمانخانىسنىڭ ئالدىدىكى يول بۇيىغا ماشىنىسىنى توختۇتۇپ قويغان، ھەمدە شۇ يەردە مەدەنىي قاتناش پىدائىي مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لېي *** بىلەن گەپ تاكاللىشىپ ئۇرۇشقان ۋە ئۆزىنىڭ كۈمۈش رەڭلىك *** تىپلىق ****新A نومۇرلۇق ماشىنىسى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى سوقۇپ يارلاندۇرغان. تىيانشان رايونلۇق جامائەت-خەۋىپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا بۆلۈمى 2020 0050-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرىنىڭ ئادەم بەدىنى يارلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باھالاشنامسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى لېي ***نىڭ سول پۇتىنىڭ ئۈچىنچى شىنا سۈڭىكى سۇنغان، زەخىملىنىش دەرىجىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك يېنىك زەخمىگە تەۋە دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لېي ***نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

2. جاۋابكار مۇ***نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3. گۇۋاھچى لېي ***، ئابدۇ*** قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

4. نەق مەيدان تېلكامىرا خاتىرىسى؛

5. قانۇن دوختۇرىنىڭ ئادەم بەدىنى يارلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باھالاشنامسى؛

6. جاۋابكارنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى، جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى قاتارلىقلار. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مۇ***نىڭ باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

 تەپتىش: قۇدۇس قاسىم

                         تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت

2020–يىلى 9–ئاينىڭ 18–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا؛

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top