شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 32-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2518 **652925 ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ** ناھىيىسىدىن، **ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار م**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 50-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار م** 2019-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 00:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازار بەلگېرىق كەنت تەۋەسىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ قارشى تەرپىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا سەمەت ھەمدۇل بىلەن ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 00:55 ئۆتكەن ئەتىراپتا گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ قارشى تەرپىدىكى يولنىڭ يېنىغا توختىتۇپ قويغان 新NW5737 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى ئۆزى يالغۇز تەخمىنەن ئۈچ مېتىردىن بەشمېتىرغىچە ئارلىقتا ھەيدىگەندىن كېيىن، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9413- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« م**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 233 مىللىگىرام» دىيىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار م**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار م**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 10مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : گۈلەم تاش
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论