欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某危险驾驶案)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى 

                                                  

ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)1276 – نومۇرلۇق

كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋاپكار م**، ئەر، ئويغۇر،**19-يىلى11-ئاينىڭ10 -كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:**********65292319. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى:دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: كۇچا شەھەر ** يېزا ** 2- كەنىت 3-گوروپ 11-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق . 

خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 09- ئاينىڭ 11-كۈنى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ، 2020 – يىلى 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە . 

مەھكىمىمىز كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى 〔2020〕 614 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار م**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 11- ئاينىڭ 30-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار م** 2020-يىلى09-ئاينىڭ10-كۈنى سائەت22:30لار ئەتراپىدا كۇچا شەھەر ** يېزا ** كەنت كومتىتىنىڭ ئالدىدىكى مې**نىڭ تاللا بازىرىدا ئاغىنىلىرى ر**،ئە** ئىككەيلەن بىلەن بىرگە«رۇيا»ماركىلىق ،500گىراملىق ھاراقتىن ئىككى بوتولكا ئىچكەن،م** شۇ كۇنى سائەت23:30مىنۇتلار ئەتراپىدا ھاراقنى ئىچىپ بۇلۇپ سۇرۇندىكى ئاغىنىلىرى بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ھاراق ئىچكەن دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新N*****نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھالەتتە ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ كۇچا شەھەرX315-لىنىيە 24كىلومىتىر 700مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە شۇ يولدا پىيادە كىتىۋاتقان ر** بىلەن سۇقۇلۇپ كىتىپ ، ئۆزىنىڭ 110 غا دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى خادىملىرى نەق مەيدانغا يىتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، م**نىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلىنىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان  . 

شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا، م**نىڭ ۋېنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100ml  106 دەپ باھالانغان .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ–تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك،جاۋابكار م**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دىلو مەلۇم قىلغان ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار م**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسىنىڭ ، 67- ماددا 1- تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

                             تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى 

                        2020- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كىسىم قىلىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپنامىسى ، دىلو مەلۇم قىلغانلىقىغا دائىر ماتىريال بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top