شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار مXX ، ئەر، 1977-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى:XXXXXXXX 6529221977، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە Xبازىرى X كەنت X-مەھەللە X-نومۇرلۇق قورودا ئۇلتۇرۇشلوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2019-يىلى 9-ئاينىڭ11-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار مXXنى قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋاۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار م XX2019-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت3دىن20مىنۇتلارئەتىراپىداھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 新电XXXXX نومۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ،زىيانلانغۇچى ئەXXنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ شەرىقتىن غەرىپ يۆنۈلۈشىدە يول يۈرۈپ، ئونسۇناھىيە Z620 –لېنىيە46كىلومېتىر950مېتىرلىق يول بۆلىكىگە(تۇمشۇق بازىرى يۇقارقى تاغاق كەنت3-مەھەللە)كەلگەندە جاۋاپكار مXX ھەيدىگەن新电XXXXX نومۇرلۇق توكسىكلىت يولنىڭ ئوڭ قىرغىغىدىكى لىڭدەيگە ئۆرۈلۈپ كەتكەن،ئەXX زەخمىلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. ھادسىدە جاۋاپكار مXXغا بارلىق جاۋاپكارلىق بىكىتىلگەن. جاۋاپكار مXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 121.62mg/100ml ئىكەنلىگى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار مXXنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە تۇغدۇرغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ ،قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىلىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1–تارماق بەلگۈلىمىسىدە «قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشلەرنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ قويغان ياكى ئۆلتۈرۈپ قويغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلدۇ» دىيىلگەن.
جاۋاپكار مXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار مXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كېرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋائەرزى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3)زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلەتاۋاباتىنىڭ قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋاسى بار.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论