تۇرپان شەھىرى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب ئە (2020) 77 - نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار س، XXئەر، ****،** 19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65210119******2612، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى **** رايونى **** يېزا **** مەھەللە كەنىت ****-كەنىت 32-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن جازالاش توغرىسىدىكى تۈزۈمنى قوللىنىپ كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 16دىن 39مىنۇت ئەتراپىدا، جاۋاپكار سXX ئاكىسىنىڭ***** 新Aنۇمۇرلۇق ماشىنىنى **** يولىنى بويلاپ شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ، **** يولى بىلەن **** يولى كىسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە، شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ پىيادىلەر يولىنى كېسىپ ئۆتكەن ماXX ھەيدەپ ماڭغان ئىككى چاقلىق 新电*****Kنۇمۇرلۇق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە 新电*****Kنۇمۇرلۇق توكسىكىلىت ھەيدەپ ماڭغان ماXX يارلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىش، قاتناش ۋاستىلىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، سۈرەتلىرى ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جەسەت تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى، ئالاقىدارلارنىڭ پىراۋىسىنىڭ توردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەم قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ توردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلۇپ ئاساسلىنىشقا بۇلىدۇ، ئەيىبلەنگەن جىنايى قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار سXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ماشىنا ھەيدەپ، باشقىلارنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ. دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 133-ماددىسىنىڭ، 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا 1 يىلدىن يۇقىرى 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىۋى بېرىمىز. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : پاتىگۈل خالىق
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋاپكار سXX كېپىلگە بېرىلگەن.
2.جاۋاپكار تەرەپ بىلەن ئۆلگۈچى تەرەپ ئائىلىسىدىكىلەر ھەق تەلەپ قىسمىدا كىلىشىم ھاسىل قىلغان بۇلۇپ، ئۆلگۈچى تەرەپنىڭ جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزى يوق.
3. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، 1 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论