欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(提某某故意伤害案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 

كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

كت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش﹝2020﹞ 1262 - نومۇرلۇق

كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار تx،ئەر،ئۇيغۇر،19**-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292319********،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى چارلاش ساقچى 1-ئەترەت ** ئولتۇراق رايونى ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ، يۇرتى: كۇچا شەھىرىدىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ**-نومۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان.

قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلۈپ،شۇ يىلى9-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرا جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارار قىلىنغان .

مەھكىمىمىز ، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕539- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى11- ئاينىڭ 12-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دېلودىكى بارلىق ماترىياللارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق . جاۋابكار  تx مەزكۇر دېلونى ئاددى تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قوشۇلدى . 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان جىنايەت پاكىتى : 2020-يلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكار تx كۇچا شەھىرى ** يولىدا چارلاش جەيانىدا يول قاتناش بېخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپ ھالدا توكسكىلت ھەيدىگەن بىر ئايال كىشنىڭ ئىككى چاقلىق توكسكىلتىنى تۇتۇپ قېلىپ ** ئولتۇراق رايونى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتنىڭ ھويلسىنىڭ ئىچىگە ئاچقۇچى بىلەن بىرگە توختۇتۇپ قويغان . 2020-يلى 7-ئاينىڭ  5-كۈنى سائەت 22:00 لەردە  تx ھويلىغا توختۇتۇپ قويغان توكسكىلتنىڭ ئاچقۇچىنىڭ يوقلىقنى كۆرۈپ قولىدىكى سۆزلىشش ئاپاراتىدا زىيانلانغۇچى ئاxنى چاقىرىپ، سەن ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا ساقچى پونكىتنىڭ ھويلسىغا توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق توكسكىلتنىڭ ئاچقۇچنى كۆردۈڭمۇ دەپ سورىغان. ئاx مەن ئاچقۇچ كۆرمۈدۈم دەپ جاۋاپ بەرگەن . تx سائەت شۇ كۈنى 23:45 لەردە ئىشتىن چۈشۈپ نەرسە كېرەكىلرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ساقچى پونىكىتغا بېرىپ  سۆزلىشش ئاپاراتىدا يەن ئاxنى چاقىرىپ ، سەن توكسكلىتنىڭ ئاچقۇچنى كۆردۈڭمۇ دەپ سورىغان . ئاx بايا مەن ساڭا كۆرمۈدۈم دىدىمغۇ مەندىنلا سورامسەن، مەندىن باشقا ئادەم يوقمىكەن دەپ جاۋاپ بەرگەن. تx  سىنىڭ توكسكىلىتنى يۆتكىۋاتقانلىقىڭنى باشقلار كۆرۈپتىغۇ دىگەن. ئاx، تx بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ئۈچۈن ** ئولتۇراق رايونى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن ،تx ساقچى پونكىتنىڭ ھويلسنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئاxگە مەن تۇتۇپ قالغان توكسكىلتنى نىمشقا ھەيدەيسەن ،ئاچقۇچى قېنى دەپ سورىغان. ئاx  مەن ئالمىدىم دىدىمغۇ دەپ قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلغان. تx ،ئاxنىڭ قولىنى ئىتتىرۋېتىپ ئاچقۇچىنى سەن ئالماي ئاچاڭ ئالامدۇ دىگەن. تx ئاچامىنى چىشلەپ تاتما دەپ مۇشت بىلەن تxنىڭ پىشانسىگە بىرنى، سول كۆز يان تەرىپىگە بىرنى ئۇرغان . تx، ئابلمىت جۈمەنى ئۇرماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقاندا، ئاx ئۆزنى قاچۇرىۋالغاندىن ئاتقان مۇشت ئۇنىڭغا تەگىمگەن . ئاx ئارقىدىن  يەنە تxنىڭ قوسىقىغا بىرنى تىپىپ ئۇنى گىلىنى سىقىپ تۇراۋالغان. تx، ئاxنىڭ قولىدىكى ساقچى كالتىكىنى ئېلىۋېلىپ ئاxنىڭ باش قىسمىغا بىرنى ئۇرغاندىن كىيىن ئاxنىڭ باش قىسمدىن قان چىقىپ كەتكەن . تx ، ئاxنىڭ بېشدىن چىققان قاننى كۆرگەندىن كىين ساقچى پونكىتنىڭ ھويلسىغا كىرىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا ئاx، تxنى ھارامدىن بولغان جالاپنىڭ بالسى دەپ تىللغان. تx يەنە ئاxنىڭ ئالدىغا بېرىپ كالتەك بىلەن ئۇنىڭ بوينغا بىرنى ، سول بىلكىگە بىرنى ،باش قىسىمغا بىرنى ئۇرۇپ ساقچى پونكىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسزلىك ئىدارسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسى ئارقىلىق ئاxنىڭ زەخمسىنى 2- دەرىجلىك ئېغىر زەخمە تۈرىگە كىرىدۇ يەكۈن چىقارغان .

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

 1.يازما ئىسپات: دېلو پاش بولۇش جەريانى، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، جاۋابكار تxنىڭ دائىمى تۇرۇشلۇق نوپۇس ئۇچۇر جەدۋېلى ؛ جاۋابكار تxنىڭ تۆۋىنامىسى، ئاxنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدىكى ئاساسى؛ 2. گۇۋاھچى قx، تx،ئاxنىڭ بايانى ؛ 3.زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ بايانى؛ 4. جاۋابكار تxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 5. باھالاش يەكۈنى . كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ 〔2020〕 64- نومۇرلۇق زەخمە باھالاشنامىسى؛ 6. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇن تەرتىپكە ئۇيغۇن،مەزمۇنى ئوبىكتىپ راست بولۇپ دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ .جاۋابكار تx شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېتراپ قىلىدۇ ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ . 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ ، جاۋابكار تx زىيانلانغۇچى ئاx بىلەن گەپ تالشىپ قېلىش جەريانىدا،ساقچى كالتىكى ئاxنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋابكار تxنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ . جىنايەت پاكىتى ئوچۇق، دەلىل- ئىسپاتلار راست ۋە تولۇق بولۇپ جاۋابكار تxنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تىگىشلىك . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار تx جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن!  

 تەپتىش : ئەيسا ھادى

2021-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار تx تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئورۇندا   .

           2) دېلو ماترىياللىرى ۋە دەلىل ئىسپاتلار بىر توپلام.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top