欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(提某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش (2020)130 -نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكارتX، ئەر ، ئويغۇر ، 1994 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ******** 6529231994، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى : دېھقان ، يۇرتى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى : كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنىت *-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورو . ئىلگىرى جازالانمىغان ،

خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 04–ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 118-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىز كىسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋاپكار ت X2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:00 دە ، مەست ، پىراۋىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ 新N**** نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ** يېزا ** شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ ** يېزىلىق ** دوختۇرخانىسڭ ئالدىغا كەلگەندە ، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .

شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە تXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى mg/100ml148 دەپ باھالاپ بېكىتكەن .

دىمەك ، جاۋابكار تXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاشنامە ، ئېنىقلاپ–تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر ، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار تXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارماق 2-تارماقچىسىنىڭ ، 67-ماددا 3-تارماقچىنسىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 2 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىپ ، « جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176 -ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: گۇزەلنۇر ئەخمەت

2020- يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار تXىڭ ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، تىز كىسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top