ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2019) 127–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار پەرھات سەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:********6530211982، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھەر **يىزىسى ** كەنىت ** كوچا يولى **-نۇمۇر. دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:مۇقۇم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرتىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بېرىلىپ2013-يىلى5-ئاينىڭ10-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن . 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرشىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 1يىل 9ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ 2016-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن.2016-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرتىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 6ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ 2017-يىلى5-ئاينىڭ16-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن. 2017-يىلى10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر دۇڭسەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 7ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ 2018-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن .جىنايەت گۇماندارى پەرھات سەمەتنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ23- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك1-قاماقخانىدا قاماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار پەرھات سەمەتنىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 26-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1. جاۋابكار پەرھات سەمەت 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت 12ئەتراپىدا **رايونى **يۇلى **-يول ئاپتوبۇس بىكىتى كەينىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىناغا كىرىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۇ**نىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىشتان يانچۇقىدىكى پورتمالنىڭ ئىچىدىكى 1200يۈەننى ئىلىپ،پورتمالنى جايىغا قۇيۇپ چىكىتىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2.جاۋابكار پەرھات سەمەت2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت 12 ئەتراپىدا **شەھەر **رايونى **يۇلى **-يول ئاپتوبوس بىكىتى كەينىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىنانىڭ 3-قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكى يوق بىر ئۆيگە كىرىپ ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لىي**ىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ،يىنىغا قۇيۇپ قويغان 1280يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە سۇس سېرىق ئوپپو ماركىلىق قول تىلفۇننى ئوغىرلاپ چىقىپ تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
3.جاۋابكار پەرھات سەمەت2019-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 2ئەتراپىدا ** رايونى **يۇلى **خوگوخانىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى بىر قەۋەتلىك ياتاققا كىرىپ ياتاقتىكىلەرنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سا**نىڭ 550يۇەن قىممىتىدىكى ئوپپو ماركىلىق تىلفۇن بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گا**نىڭ 930يۇەن قىممىتىدىكى مىيزۇ ماركىلىق 06 PR تىپلىق سارغۇچ قول تېلفۇننى ئوغۇرلاپ چىقىپ بىر تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.يەنە بىر تېلفۇننى ساتالماي تاشلىۋەتكەن.
جاۋابكار پەرھات سەمەت جەمئى 4 قېتىم ئوغىرلىق قىلغان بولۇپ ئومۇمىي قىممىتى 3960يۇەن بولۇپ زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.
جاۋابكار پەرھات سەمەت 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى جوڭسەن يولىدىن تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار پەرھات سەمەتنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار پەرھات سەمەتنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، دىلۇنى يۈزلەشتۈرۈش خاتىرىسى، جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى:
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار پەرھات سەمەتنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار پەرھات سەمەت ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2019–يىلى12–ئاينىڭ20–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论