شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھەر
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ر ت ج ئەيىبلەش [2020] 28 -نومۇرلۇق
جاۋابكار *******، ئەر ، ئۇيغۇر ، **19-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى ******650203199، ئالي تېخنىكوم مەلۇماتلىق ، قاراماي شەھىرى****** ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ، نوپۇسى قاراماي شەھىرى ******مەھەللىسى 7-بىنا 30-ئۆي . ھازىر قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى **** مەھەللىسى 29-بىنا 5-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . ئىلگىرى 2014-يىلى 11-ئايدا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن . بۇ قېتىم 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ئاپتۇموبىل ھەيدىگەنلىكى ۋە قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر رايونى چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىنغان . قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 20 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش قارار قىلىنغان . 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن .
مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكار *******نى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، شۇ كۈنى جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ ، جاۋابكارنىڭ نۆۋەتچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارمۇ مەزكۇر دېلونى تىز ھۆكۈم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ بىجىرىشكە قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار ******* 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 4:33 ئۆتكەندە ، ئاپتۇموبىل ھەيدەش پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新J***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى غالبىيەت يولىنى بويلاپ، جەنۇب يۆلىنىشتىن شىمال يۆلىنىشكە قاراپ ھەيدەپ ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى**** مەھەللىسى ئاممىۋى ئاپتۇبوس بىكىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، يول ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش رىشاتكىسىنى سوقۇپ، يول ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش رىشاتكىسى بىلەن ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتۇموبىلنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان ھەم نەق مەيداندىن كىتىپ قالغان . جاۋابكار ******* قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ قان تەركىبىنى تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىمېتىردا 159.09 مېللىگرام ئىسپىرىت بارلىقى ئېنىقلىنىپ مەسىتلىك ئۆلچىمىگە توشقان .
قاتناش ھادىسىسىدىن كىيىن جاۋابكار ******* ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىتىراپ قىلىپ ، زىيانلانغۇچى ئورۇننىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرگەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ، نەق مەيدان تېلكامىرا كۆرىنىشى ، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى ، قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارىنى باھالاش پىكرى ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇرىنى ۋە شوپۇرلار ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجە جەدۋىلى ، جاۋابكار ئىمزا قويغان جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنى تەرتىپكە ، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك . جاۋابكار *******مۇ بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ******* ئاپتۇموبىل ھەيدەش پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتۇموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن ، قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇشقا تىگىشلىك . جاۋابكار *******نىڭ ھەر 100 مىللىمېتىر قېنىدا 159.09 مېللىگرام ئىسپىرىت بارلىقى ،قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەنلىكى ، ئىلگىرىمۇ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىلگەنلىكى ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىقى ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ۋە زىيانلانغۇچى ئورۇننىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تولۇق تۆلىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئويلۇشۇپ،جاۋابكار *******غا تۆت ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ،قوشۇمچە 9000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قارايمىز . شۇڭا جاۋابكار *******نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى
تەپتىش: پەرمانجان ئەمەت.
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى .
قوشۇمچە :
1.جاۋابكار ******* ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى : *****18040 .
2. بىر پارچە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى ، ج خ 2 توپلام 46 بەت دېلو ماتىرىيالى ، بىر دانە نۇر دېسكىسى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论