ئۈرۈمچى شەھىرى مىدوڭ رايونلۇق
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش م د ت بىرىنچى بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]114-نومۇر
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار بە****، بۇرۇنقى ئىسمى: يوق ، ئەر، ئۇيغۇر، 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كىملىك نومۇرى:6521012000********، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى كورلا شەھىرى بايىنغولىن تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ياتاق بىناسى.
جاۋابكار بە**** سادىر قىلغان ئالدامچىلىق دېلوسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**** 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋابكار بە**** ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋابكار بە**** جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتپ قويۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز جاۋابكار بە****نىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللىنىدۇ، ئەمما قولغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ،جاۋابكار بە****نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدوڭ شۆبىسى تەرىپىدىن كېپىللىككە بېرىلگەن.جاۋابكار ھازىر كېپىللىكتە.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدوڭ شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار بە****نىڭ ئالدامچىلىق دېلو ماتېرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇق قىلىش ئېتىراپنامىسىغا قول قويغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى سوراق قىلىدۇق، سوت ئالدىدىكى دەلىل ئىسپاتلارنى ئالماشتۇردۇق، دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقىپ دېلودىكى پاكىت ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنى ئۆز-ئارا ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ھازىر دېلو تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، جىنايى پاكىتلارنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردۇق:
جاۋابكار بە**** 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى كورلا شەھىرى بايىنغولىن تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ياتاق بىناسىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ساختا يانفون سېتىش ئېلانىنى چىقارغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**** ساختا ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن ئېلانغا ئىشىنىپ قىلىپ جاۋابكار بە****دىن ئىككى دانە ئالما 11-ئەۋلاد يانفونىنى سېتىۋالماقچى بولغان، ھەمدە ئۈندىداردا ھېساب يۆتكەش ئارقىلىق جاۋابكار بە****غا ئىككى قېتىمدا جەمئىي 4200 يۈەن (تۆتمىڭ ئىككى يۈز يۈەن) ئاغدۇرۇپ بەرگەن. جاۋابكار بە**** پۇلنى ئالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەۋلان توختىغا يالغاندىن تېلىفوننى پوچتىدىن سالدىم دەپ قويۇپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. جاۋابكار بە****نىڭ ئالدامچىلىق سوممىسى جەمئىي 4200(تۆتمىڭ ئىككى يۈز) يۈەن.
يۇقىرىقى قىلمىشنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار
1.ماددىي ئىسپات
1)بىر دانە vivox27 يانفون
جاۋابكار بە****نىڭ مۇشۇ يانفون ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ
2.يازما ئىسپات
1)دېلو قوبۇل قىلىش جەدۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارنامىسى، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى، توختىتىپ قويۇش كېنىشكىسى، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارنامىسى، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق چۈشەندۈرۈشنامىسى، قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى،كېپىللىككە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
جاۋابكار بە****نىڭ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى، شۇ كۈنى قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلغانقىلىنى، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھمىكىمىزنىڭ جاۋابكار بە****نىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنسىمۇ قولغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىغانلىقىنى ھەم شۇ كۈنى كېپىللىككە بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
2)تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى
جاۋابكار بە****نىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلەتكەن يانفونىنىڭ قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
3)دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى
جاۋابكار بە****نىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
4)زىياننى تۆلىگەنلىك ئىسپاتى،كەچۈرۈمنامە
جاۋابكار بە****نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**** زىيىنىنى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 4200 يۈەن تۆلەپ بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەۋلان توختىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
5)جاۋابكار بە****نىڭ ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى
6)زىيانلانغۇچى مە****نىڭ پۇل يۆتكەپ بەرگەنلىك ئىسپاتى
بۇ زىيانلانغۇچى مەۋلان توختىنىڭ جاۋابكار بە****غا 4200يۈەن يۆتكەپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
جاۋابكار بە****نىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى كورلا شەھىرى بايىنغولىن تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
3.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەۋلان توختىنىڭ بايانى
4.جاۋابكار بە****نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى
جاۋابكار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى بىردەك بولۇپ، جاۋابكار بە****نىڭ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ساختا يانفون سېتىش ئېلانىنى چىقىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە****نىڭ 4200يۈەن پۇلىنى ساختا ئېلان ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:جاۋابكار بە**** قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ زىيانلانغۇچى مەۋلان توختىنىڭ 4200(تۆتمىڭ ئىككى يۈز)يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىدا «ئالدامچىلىق ۋاسىتىسنى قوللىنىپ ئومۇم خۇسۇسنىڭ مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى،رېجىم جازاسى ،قوشۇپ ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، جاۋابكارنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، خاراكتېرىنى بېكىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق. جاۋابكار بە****غا قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.
تەپتىش:جاپپار قۇربان
ياردەمچى تەپتىش:ئەلى ۋېلى
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
قوشۇمچە:
1.جاۋابكار بە**** ھازىر كېپىللىكتە.
2.تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام بىلەن ئەيىبلەشنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش ئېتىراپنامىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، ئۈن – سىن دېسكىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论