شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 935- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار بx(ئىلگىرى قوللانغان ئىسمى:ئەx،ئەر، ئۇيغۇر، ***-يىلى ****-ئاينىڭ****-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:6529231999*********،ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،دېھقان، شىنجاڭ **** شەھرىدىن، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى:***** شەھرى ***** بازىرى **** كەنت ****-گۇرۇپ*****-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان،ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 3-كۈنى *** ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان،2020-يىلى10-ئاينىڭ3-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىكە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕434-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار بxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى10– ئاينىڭ 2-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
*****- يىل ****- ئاينىڭ ****- كۈنى زىيانلانغۇچى قx ئۈندىدارىدىكى ماشىنا بازىرى دىگەن ماشىنا ئېلىپ ساتىدىغان توپتا جاۋابكار بxنىڭ ****** نۇرمۇرلۇق ئۈندىدارىدا قارا رەڭلىك ئېلانتىرا شەندەي ماركىلىق ماشىننىڭ رەسىمىنى،باھاسى 8800 يۈەن دەپ يوللاپ قويغانلىقىنى كۈرگەندىن كىيىن،بxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ بx بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ قارا رەڭلىك ئېلانتىرا ماشىنىنى 7000 يۈەنگە سېتىۋالدىغانغا كىلىشكەن ھەمدە 500 يۈەن زاكالەت پۇلنى بxنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ بەرگەن. ****-ئاينىڭ ***-كۈنى بx قxقا «ماشىنىنى شىرىكىم باشقىلارغا سېتىۋېتىپتۇ» دەپ 500 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئاندىن باشقىلار چەمبىرەككە يوللاپ قويغان قارا رەڭلىك بىيادى F3 ماركىلىق ماشىنىنى قxقا يوللاپ 7000 يۈەنگە ساتىدىغانلىقىنى ئالدىن 500 يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇردىغانلىقىنى،زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن ***-ئاينىڭ ****- كۈنىگىچە ماشىنىنى قxنىڭ قۇلىغا تەككۈزدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، قx 500 يۈەن زاكالەت پۇلنى بxنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ بەرگەن، بx قxئالماقچى بولغان ماشىنىنى يوللاپ قويغان ئادەم بىلەن كۈرۈشكەندە دىگەن ۋاقىت ئىچىدە رەسمىيەتلىرىنى يۆتكەپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن،****-ئاينىڭ ****-كۈنى بx قxنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەي، قxقا يەنە 4500 يۈەن پۇل ئېتىشنى قالغان 2000 يۈەننى ماشىنىنى ئەكەپ بەرگەندىن كىيىن بىرىشىنى دىگەن، قx ئۈندىدار ئارقلىق بxنىڭ ئۈندىدارىغا 4500 يۈەن پۇلنى ئېتىپ بەرگەن. بx زىيانلانغۇچىدىن ئىلگىرى كىيىن ئالغان 5000 يۈەن پۇلغا ئۆزىگە سۈزۈك يۈيەن ماركىلىق ماشىنىنى سېتىۋېلىپ كۇچاغا قايتىپ كىلىپ قx بىلەن ئالاقىلاشمىغان. قx بxتتىن ماشىنىنى سورىغاندا ھەرخىل بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ ئالداپ يۈرگەن،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك، جاۋابكار بxنىڭ يۇقارقى قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار بx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا 1-تارماق،67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى9-ئاينىڭ 16-كۈنى
قوشۇمچە : 1) جاۋابكار بx كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论