欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(拜某某盗窃案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شايار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە (2020) -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار بەختىيار ئەمەر، ئەر، ئۇيغۇر، 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى 53XXXXXXXX65292419، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، ئاشپەز، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى شايار ناھىيە بازىرى XX كوچىسى XX-نۇمۇر، ھازىر شايار ناھىيە XX بازىرى XX ئائىلىكلەر قوروسى X-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە ئاساسەن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن مەزگىلىدە قېچىپ كەتكەن، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇتۇلغاندىن كىيىن، شۇ كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن كېپىلگە بىرىلىپ، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىش بېكار قىلىنىپ، شۇ كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بېكار قىلىنىپ، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار بXXنىڭ ئوغۇرلۇق، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى (2019) 239-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. مەزكۇر دېلو ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ، دېلو بېجىرىش سۈرۈكى ئۈچ قېتىم ئۇزارتىلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار بXX 2015-يىلى 6-ئايدىن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلىدە شىرىكى دXX ( ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن بىرلىشىپ شايار ناھىيە بازىرى، گۈلباغ بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ، قXXنىڭ 100يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە بارماق كومپىيۇتىر ، 500يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئالما4 يانتېلفۇن ، 30يۈەن قىممىتىدىكى چوڭدىيەنباۋ ، خXXنىڭ 1600يۈەن قىممىتىدىكى ئاق ئالتۇن زەنجىر ۋە 60يۈەن قىممىتىدىكى چوڭدىيەنباۋ ، مXXنىڭ 2455يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك ، ئىككى جۈپ ئالتۇن ھالقا بۇلۇپ جەمئى 4745 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغۇرلىغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 2100 يۈەن قىممىتىدىكى ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ قالدى 2645 يۈەن قىممىتىدىكى ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .

جاۋابكار بXX 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا، تارىم دەريا سودا شەھەرچىسىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يۇلىدا ئۆزى بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ چىققان سىXX بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كىيىن، ‹XX› مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ شۇ يەردە ياتاق ئېلىش ئۈچۈن تۇرغان ئXXنى ئۇرغان، بۇ ۋاقىتتا شايار بازىرى چوڭ كوچا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ نەق مەيدانغا كىلىپ جاۋابكار بXXنى خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا ئېلىپ كەلگەن. جاۋابكار بXX ساقچى پونكىتىغا كەلگەندىن كىيىن، ۋارقىراپ ساقچىلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشمىغان ھەم ساقچى جۈ XXنىڭ ئوڭ قۇلىغا تىپىپ يەڭگىل زەخمىلەندۈرگەن، بۇ ۋاقىتتا ساقچىلار جاۋابكار بXXنىڭ قۇلىغا كويزە سېلىپ، ساقچى پونكىتىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ رېشاتكىسىغا چېتىپ قۇيۇپ، ئۇنى كونتىرول قىلغان بولسىمۇ، جاۋابكار بXX داۋاملىق ۋارقىراپ، جىم تۇرماي، پەلەمپەيگە، راىشاتكىغا ۋە تامغا ئۈسۈپ تىنىچلانمىغاندىن كىيىن، ساقچى پونكىتى بازارلىق ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ جاۋابكار بXXنى بازارلىق ساقچىخانىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار بXXنىڭ قانۇنسىز ئېگلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. زورلۇق ئىشلىتىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلارنى تىللاپ، تىپىپ زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشىدىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ نورمال بولغان جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 277-ماددا، 69-ماددا، 72-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار بXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش :

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، تەھىقىقلەش دېلو ئارخىبى (ئىككى توپلام، جەمئىى 268 بەت) بىرگە يوللاندى. 2) جاۋابكار ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top