起 诉 书
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
XX ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش[2019] 380-نومۇرلۇق
XX ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋابكار بەXX، ئەر ، 1991-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ XX ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 652826199105011111 ،ئۇيغۇر، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: XX ناھىيە XX يېزا لىشخۇ كەنتى 2-گۇرۇپ 64-نۇمۇر.2017-يىلى 12-ئاينىڭ11-كۈنى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى بىلەن قارشەھەر ناھىيە خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن 2ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى جازا مۇددىتىم توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى XX ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايتىىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
جاۋابكار بەXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە XX ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكاربەXX 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۇنى سائەت 17 لەر ئەتراپىدا XX ناھىيە XX يېزىسى XX كەنتى 2-گۇرۇپتىكى ئۆيىدىن كالا سۇغىرىش ئۇچۇن يولغا چىقىپ ئابلىز مۇتەللىپنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ،يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا قارا رەڭلىك تېلفوننىڭ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ، تېلفوننى ئېلىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ قويغان.2019-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 21:00لەر ئەتراپىدا تېلفوننىڭ مەخپىي نومۇرىنى سىناپ ئاچقاندىن كېيىن ، تېلفوندىكى ئۇندىدارنى ئاچماقچى بولۇپ ئاچالمىغاندىن كېيىن ، تېلفوندىكى چىقىمداننى ئېچىپ ، چىقىمداننىڭ قالدۇق سوممىسىنىڭ 4000يۇەن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.ئارقىدىن جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ ئۇندىدارى ئارقىلىق ۋاڭXX بىلەن ئالاقىلىشپ 4000يۇەننى ۋاڭ XXنىڭ چىقىمدانىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، ۋاڭ XX 4000يۇەننى ئالغاندىن كېيىن 20يۇەننى رەسمىيەت ھەققىگە تۇتۇپ قېلىپ 3980يۇەننى جىنايەت گۇماندارى بەXXنىڭ ئۇندىدارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن.جىنايەت گۇماندارى بەXX ئۇندىدارىدىن 3980يۇەننى چىقىرىپ خەجلەپ تۇگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ 4000يۇەن پۇلىنى تۇلۇق قايتۇرۇپ بەرگەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئىلكتىرۇنلۇق دەلىل-ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار بەXX ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە يوشۇرۇن ئوغرىلاش ۋاستىسىنى قوللىنىپ خۇسۇسلارنىڭ 4000 يۈەن قىممىتىدىكى پۇلنى چىقىمداندىن يۆتكەپ ئېلىپ خەجلىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن
XX ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش: XX
پۈتۈكچى : XX
20XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى
قوشۇمچە:
(1) جاۋابكار بەXX بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە
(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
(3) گۇناھىنى تۇنۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论