شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ب ت 1 -بۈلۈم ج ئەيىبلەش (2020 ) 9 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار بXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلىXئاينىڭXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXXXX 6528291986 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىسىگەئىگە، مۇقىم كەسپى يۇق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ باغراش ناھىيە XX بازىرى XXئولتۇراق رايۇنىXXبىنا XXكورپۇس XXنۇمۇرلۇق ئۆي، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى جاۋاپكار بXX خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، باغراش ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
باغراش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار بXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4- ئاينىڭ26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى4-ئاينىڭ 27-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى ۋە جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە : 2020-يىلى 1-ئاينىڭ24-كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22لەرئەتىراپىدا،جاۋاپكار ب XX 新MXX نۇمۇرلۇق «رشۆتىئەنلوڭ » ماركىلىق كىچىك تىپتىكلى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قارشەھەرگە كىلىپ ،قXX بىلەن قارشەھەر ناھىيە ئاشلىق ئىدارىسى ئائ.لىكلەر بىناسى ئاستىدىكى ئالتۇن تۈگمەن كاۋاپخانىسىغا بېرىپ ،تاماق يىگەچ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى پوتۇلكا ‹‹ نىيۇلەنشەن ›› ماركىلىك ئاق ھاراقنى ئىچكەندىن كىيىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 3 دىن ئاشقاندا ، ئالتۇن تۈگمەن كاۋاپخانىسىدىن يېنىپ چىقىپ ئۈيگە قايتىش ئۇچۇن مەس ھالەتتە 新MXX نۇمۇرلۇق «رشۆتىئەنلوڭ » ماركىلىق كىچىك تىپتىكلى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ مىڭىپ، باغراش ناھىيە لوشەۋەن تەكشۇرۇش پونكىتى يول بۈلكىگە كەلگەندە ،ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن قولغا چۇشكەن، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ( 2020 ) 621- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا جاۋاپكار بXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدە ھەر100مىللىلتىرقان تەركىۋىدە ئىسپىرىت مىقدارى 225مىللىگىرام ئىگەللىگەن دەپ باھالاپ چىققان.
يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار بXX ئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار بXX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسى 1- بۆلكىنىڭ 1-تارماق 2-تارماقچىسىدىكى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار بXXقا ئۈچ ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىش تەكلىپىنى بېرىمىز . شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش : غۇپۇرجان ھېكىم
2020-يىلى4- ئاينىڭ 29- كۇنى
قوشۇمچە :
1. جاۋاپكار بXX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ ھازىر ئائىلىسىدە.
2. ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى1 جىلىد بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论