欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(托XX盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

   ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020)    483 - نومۇرلۇق

 ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار  تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، يۇرتى XXناھىيىسى، XXناھىيە XXيېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى ئاشپەز، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلەىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تۇرار جايى نازارەتكە ئېلىنىپ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى  (2020) 757-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ   قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 13:30 لاردا جاۋابكار تXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، XXشەھەر XXX-ئولتۇراق رايونى <XX> تاماقخانىسىدا بىللە ئىشلەيدىغان مXXنىڭ تېلىڧونىنىڭ ئېكرانى مەخپى نۇمۇرى ۋە ئۈندىدار پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى كۆرىۋېلىپ، زىيانلانغۇچى مXXنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىز دوستى ئاXXنىڭ پۇل قۇبۇل قىلىش ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاپ، زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ئۈندىدارىغا باغلاقلىق 621287XXXXX1025 نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن بىر قېتىمدا 5000 يۈەن پۇلنى قىز دوستى ئاXXنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ ئوغۇرلاپ كەتكەن ھەمدە 10 كۈندىن كېيىن قىز دوستى ئاXXدىن 5000 يۈەن پۇلنى ئۆزىگە يوللىغۇزۇپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

 

تەپتىش :تXX

تەپتىش : ئاXX

2020- يىلى  9- ئاينىڭ  22-كۈنى

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top