乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) xx–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تو xx ، ئايال، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەxx يېزا xx كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 8-ئايىنىڭ 10-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تو xx نىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى ئاددى سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار تو xx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:20 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى با xx ئۇچتۇرپان ناھىيەxx يېزا xx-كەنت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان) بىلەن يامانسۇ يېزا 2-كەنىت 3-مەھەللىدىكى قوناق ئىتىزىغا سۇ قۇيۇش جەرياندا سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاشقان. ھەم بىر-بىرنى ئىتتىرىشىپ ھەر ئىككىىلىسى ئېرىقتىكى سۇغا يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىن ئۆزلىرى سۇدىن چىقىپ ئۆيلىرىگە كىتىپ ئاردىن يېرىم سائەت ئۆتكەندە يەنە ئېتىزلىققا كىلىپ ئۇرۇشۇپ بىرى-بىرىنى تىللاشقان ھەم ئۆز-ئارا ياقىدىشىپ بىر-بىرنى ئىتتىرىش جەريانىدا، جاۋابكار تو xx زىيانلانغۇچى با xx نىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ يەرگە يىقىتقاندا، زىيانلانغۇچى با xx يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ، سول پۇتىنىڭ تاپان 4-5 -سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرى زەخمە دەرىجە باھالاش دوكلاتىدا «زىيانلانغۇچى با xx نىڭ زەخمىسى ئىككىنجى دەرجىلىك يېنىك زەخمە» دەپ بىكىتگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تو xx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تو xx نىڭ قىلمىشىدىن قەستەن زەخىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-مادداىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 1 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论