شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2021) 40 - نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 3014********652925، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، دېھقان، شىنجاڭ ت**ناھىيسدىن، ھازىرقى ئولتۇرغى: ت** ناھىيە ئۈ** يېزا ئو** كەنىت **- گورۇپ **- نۇمۇر، ئېلگىرى جازالانمىغان، 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ت**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، 2021-يىلى 2- ئاينىڭ 2-كۈنى (2021)82-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدۇق، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇش جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىردىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇختۇردۇق، دىجۈرنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق ۋە دېلودىكى بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بۇيچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلار ئېنىقلاندى :
جاۋابكار ت** 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 19:00 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەدەنىيەت يولى شىنخۇا كىتاپخانىسى يېنىدىكى ئاشخانىدا باشقىلار بىلەن بىرگە تاماق يىگەچ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇلغان 新N5781V نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىنىنى پىراۋلىق ھەيدەپ، ماشىنىغا يۈسەن قادىرنى چىقىرىپ، مەدەنىيەت يولىنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇبقا يول يۈرۈش جەريانىدا،ئالدى تەرەپتە ساقچىلارنىڭ ماشىنا تەكشۈرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ماشىنى ئارقىغا ئايلاندۇرۇپ قارشى يۆنىلىشتە يول يۈرۈپ شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانى كىرىپ يۇشۇرنىۋالغان، كېيىن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ،ت**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2021] 269- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدە« ت**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 146مىللىگىرام » دەپ باھالىغان.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات؛ باھالاش پىكرى؛گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛ ئۈن-سىن ماتىريالى؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا پىكرىنىڭ يۇقلىقىنى، جىنايەتنى تۇنۇيدىغانلىقىنى، جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى.
مەھكىممىز، جاۋابكار ت**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ت**قا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 3000يۈەن ئىشتىراق قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : ئەمەرجان ساتتار
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە
پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论