欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(托某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020)122-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1510********652925، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا نەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىىسىگە ئىگە، دېھقان، ت* ناھىيسىدىن، ت** ناھىيە ت** يېزا ت** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كېپىللىك مۇددىتى توشقانلىقى ئۈچۈن كېپىلدىن بىكار قىلىنىپ ، شۇ كۈنى تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قايىتىدىن كېپىلگە بىرلىگەن. 

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار         ت**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 102-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

   جاۋابكار ت** 2017-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21:00 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزا جىنتەي ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا، م** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن دۇكاندىن چىقىپ، دۇكان ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新NN3107 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى مەس ھالەتتە پىراۋىسىز مىنىپ ، موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا  تاشئېرىق يېزا ئاچىدۆڭ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق بىرسىنى ئولتۇرغۇزۇپ، تاشئېرىق يېزا تاشئېرىق كەنت 4-گوروپتىكى ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن، شەرقتىن- غەربكە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، توقسۇ ناھىيە غەربى شەھەر خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى موتسىكلىتنى تۇسۇپ تەكشۈرش جەريانىدا، ت**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەنلىك  قىلمىشىنى بايقاپ، ت**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،

   شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017) 3218-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: ت**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 97 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،  باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ت**ىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار         ت**مغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                  مۇئاۋىن باش تەپتىش :  ئۆمەر ئەمەت

                                تەپتىش:    مۇنىرە ئېلى

                        2020-يىلى 4-ئاينىڭ  13-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top