欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(托某某危险驾驶案)_博乐市人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕130号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020)130 -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ت** ،ئەر، قازاق، 1988-يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6527011988********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان ، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** چارۋىچىلىق مەيدان** كەنتى، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەر ج خ ئىدارىسى ** ساقچىخانىسى ، 2020-يىلى6-ئاينىڭ 18-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى7- ئاينىڭ5- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .

   مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى7-ئاينىڭ4-كۈنى (2020) 88- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ت**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

2020- يىلى6- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت22دىن55لەر ئەتىراپىدا ، جاۋاپكار ت** ھاراق ئىچىپ新E-*****  نۇمۇرلۇق  ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ بۆرتالا شەھەر 208X نومۇرلۇق تاشيولنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ 29 كېلومىتىرلىق (ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى تۆت كوچا ئېغىزى)يول بۆلىكىگە كەلگەندە ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان،2020- يىلى6- ئاينىڭ16 - كۈنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىدا، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن  ت**نىڭ ۋىنا قېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى 209 mg/100ml بولۇپ، مەس ھەلەتكە تەۋە.

 يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ت**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر   

2020-يىلى7-ئاينىڭ 24-كۈنى 

قوشۇمچە :

1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاچىلار تىزىملىكى، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top