乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕82号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2021) 82 -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ت x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: x،شىنجاڭ ئاقچى ناھىيەسىدىن، ئاقچى ناھىيە يېزا xكەنىت x-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ت xنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ت x 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 02:10 لەر ئەتىراپىدا ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى 新xنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتۇموبىلىنى ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىچىدىن (شەرىقتىن-غەرىپكە) ئاقچى ناھىيىسىگە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ئۆلكە تاشيۇلى x-لېنىيە xكىلومىتىر xمىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئە x غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ھەيدەپ كىتىۋاتقان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىلى بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
باھالاش پىكرىدە « ت xنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىن 242.31 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەكشۈرۈپ چىقىلدى » دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، نەق مەيدا تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ت x يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ت xنىڭ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى، ھادىسە سادىر بولغانلىقى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، ھەيدىگەن مۇساپە، يول بۆلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قاراپ جاۋابكارغا تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 8000 يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبراھىم مۇتەللىپ
تەپتىش: ئابلەت تۇنياز
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: x
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论