شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019)XX- نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار قXX، ئەر ، ئۇيغۇر ، 42 ياش ، كىملىك نۇمۇرى : XX6529271976 ،يۇرتى : ئاقسۇ شەھىرى ، توختۇتۇپ قويۇلۇشتىن ئىلگىرى : ئاقسۇ شەھەر XX كوچا ئىش باشقارمىسى XX كوچىسى XX-نومۇر XXبىنا XX-كورپۇس 2002-نومۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە . 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بۇيىنچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى (2019) 665- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار قەXX 2018-يىلى 1-ئاي مەزگىلى زىيانلانغۇچى ئەXX ۋە مەXXغا ئىنىڭلار يۈXXنى ج خ ئورگانلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ بېرىمەن دەپ ئالداپ زىيانلانغۇچى ئەXX ۋە مەXX ئاكا-ئۇكىلاردىن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىككى قېتىمدا جەمئى 12 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار قXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق. ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش: پەرھار چۇۋار
مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن
2019- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
(2) 8 نۇسقا ئەيىپنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论