ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-ب ج ئە﹝2020﹞52–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021985، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرى **رايونى **يولى **-نۇمۇر ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-زال **-ئۆي، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى **رايۇنى ** يولى **ئولتۇراق رايونى ** رايون **-زال **-ئۆي. 2005-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ 5000 يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دوڭسەن رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ق**، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021990، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى **رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇر. زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن، 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى جەمئى ئۈچ قېتىم مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل مەجبۇرى ئايرىپ زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دوڭسەن رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دوڭسەن رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**، ق**لارنىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. دېلونىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى دېلونى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى دېلونى ئەيىبلەشكە قايتا يوللىدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن كىيىن 18 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** شەھىرىمىزنىڭ **رايۇنى **يولى **سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا، بەش كىچىك بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇم(ناتاشا)نى جاۋابكار ق**غا 1000 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن ۋە 1000 يۈەننى ئۈندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان.
2020–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى كەچ سائەت 21:30 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ق** شەھىرىمىزنىڭ **رايۇنى **يولى **كوچىسى **-نۇمۇر ئەتراپىدا، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ف**نىڭ ئاق رەڭلىك ** ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە، جاۋابكار ئا**دىن سېتىۋالغان يۇقارقى بەش كىچىك بولاق زەھەرلىك بويۇم ناتاشانىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىچىك بولاقنى ف**غا 450 يۈەنگە سېتىپ بەرگەندىن كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋابكار ق** تۇتۇلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاختۇرۇش ئارقىلىق، ق**نىڭ يېنىدىن جاۋابكار ئا**دىن سېتىۋالغان يۇقارقى بەش كىچىك بولاق زەھەرلىك بويۇم ناتاشانىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىچىك بولاق ناتاشانى، ق**نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى **رايونى **يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرغا جايلاشقان تۇرالغۇسىدىن، بىر بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇمنى ئاختۇرۇپ تاپقان ۋە تۇتۇپ قالغان.
2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 19 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ق** جاۋابكار ئا**دىن يەنە زەھەرلىك بويۇم ناتاشا سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۈندىدار ئارقىلىق ئا**غا 1000 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** جاۋابكار ق**غا سېتىپ بەرمەكچى بولغان زەھەرلىك بويۇم ناتاشانى ق**غا بىرىش ئۈچۈن شەھىرىمىزنىڭ **رايۇنى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **قارار ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋابكار ئا** تۇتۇلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە يېنىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق، ق**غا سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئىككى كىچىك بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇم(ناتاشا)نى بايقىغان ۋە تۇتۇپ قالغان.
تەھقىقلىگۈچى ئورگان تۇتۇپ قالغان دېلوغا چېتىشلىق يۇقارقى يەتتە بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش، تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، جاۋابكار ق** ف**غا سېتىپ بەرگەن ئىككى كىچىك بولاق سېرىق رەڭلىك ياپراقسىمان ئۇششاق گۇمانلىق بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.48 گىرام ۋە 0.47 گىرام ئىكەنلىكى، جاۋابكار ق**نىڭ يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان ئىككى كىچىك بولاق سېرىق رەڭلىك يوپۇرماقسىمان ئۇششاق بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.6 گىرام ۋە 0.45 گىرام ئىكەنلىكى، جاۋابكار ئا**نىڭ يېنىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئىككى كىچىك بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5.99 گىرام ۋە 0.79 گىرام ئىكەنلىكى، بۇ ئالتە كىچىك بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇمنىڭ تەركىبىدە بىردەك 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات (باشقا ئىسمى:5F-ADB) تەركىبىنىڭ بار ئىكەنلىكى، جاۋابكار ق**نىڭ تۇرالغۇسىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان بىر بولاق سېرىق رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 3.41 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات (باشقا ئىسمى:5F-ADB) تەركىبىنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. ماددى ئىسپات: جاۋابكارلار زەھەرلىك بۇيۇم سېتىشتا ئىشلەتكەن ئىككى دانە يانفون.
2. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**، ق**لارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى، ماددى ئىسپاتنى تونۇتۇش سۆرىتى قاتارلىقلار؛
3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ف**دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى ۋە تونۇتۇش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار ئا**، ق**لارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپات(زەھەرلىك بويۇم)نى ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
6. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
7. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپاتلارنى تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئىسپاتى، جاۋابكار ئا**، ق**لارنىڭ ئىلگىرى جازالانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا**، ق**لارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**، ق**لارنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن
2020–يىلى 10–ئاينىڭ 9–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ئا**، ق**لار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: ****1366990(ئا**)، ****1759981(ق**)؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 13 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 3 توپلام، دېلوغا چېتىشلىق ئىككى دانە يانفون(ماددى ئىسپات) بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن ئىككى نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن ئىككى نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论