欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(开某某涉嫌交通肇事案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-26 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 

ئەيىبلەشنامىسى

                        ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020)   199 -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار قXX ، ئەر، 1988-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011988، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، موقىم كەسپىي يوق، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى XX يولى XX-نۇمۇر XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر، تۇتىلىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلىدا مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان. مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەتىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان . ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار قXX قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلوغا ئادەتتىكى تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

2019 -يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 1:34 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، جاۋابكار قXX پىراۋىسىز، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新MJXXXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتسىكلىتنى ھەيدەپ، كورلا شەھەر لەنگەر يولىدا غەرپتىن-شەرىققە قاراپ مېڭىپ، لەنگەر يولى بوستان كوچىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ يولنى كىسىپ ئۆتكەن پىيادە يول يۈرگۈچى ئۇXXنى سوقىۋەتكەن، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئۇXXنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىشى، بىر قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئۆزىنىڭ يارلىنىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان . كورلا شەھەر قاتناش ھادىسسى ماددى ئىسپاتنى ئەدلىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ(2019)7021-نومۇرلۇق باھالاش يەكۇنىدە، جاۋابكار قXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر100مىللىلىتىردا 227.02 مىللىگىرام دەپ باھالاپ بىكىتكەن. شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 7023-نۇمۇرلۇق باھاشنامىسىدە، ئۇXXنىڭ قىنىدا ئىسپىرىت تەركىبى بايقالمىغان دەپ باھالاپ بىكىتكەن. كورلا شەھەرلىك ج  خ ئىدارسى (2019) 145-نومۇرلۇق ماددى بۇيۇملارنى قانۇن دۇختۇرلۇق جەسەت تەكشۇرۇش پىكىرنامىسدا، 1) ئۇXX مىڭىسى زەخمىلەنگەنلىكتىن قازا قىلغان 2) ئۆلگۇچىنىڭ پۇتۇن زەخمىلىنىش ھالىتى ، ئالاھىدىلىكى، دەرىجىىسى بىلەن دېلو ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، زەخمىنى قاتناش ھادىسىسى كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ بىكىتكەن. كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى 652801120190000215-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا،  جاۋابكار قXX بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئۇXX بۇ قىتىملىق ھادىسىدە قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان سۆرئىتى ۋە خەرىتىسى، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار قXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار قXX قاتناش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ، پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ، ھادىسە تۇغدۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار قXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن : 

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                     تەپتىش : پەزىلەت مۇھەممىدىن 

                                                 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 

ئەسكەرتىش :  

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، ئون نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

(2) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىغا قاماقلىق .

(3) جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىش تىل خىتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top