欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(开某某危险驾驶案)

2021-09-25 尘埃 评论0

تۇرپان شەھىرى

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                        

                             ئى ر ت 1-ب ئە  (2020) 32 - نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

   جاۋاپكار ق،XXئەر ، ئۇيغۇر9419-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:  6521011994********نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزىسى ** مەھەللە كەنىت -**گۇرۇپپا-**نۇمۇرلۇق ئۆي ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار قXXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان  قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

     2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى  سائەت 01:00لار ئەتراپىدا، جاۋاپكار قXX ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ،*****新Kنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزا **مەھەللە يولىنى بويلاپ شىمالدىن جەنوپقا قاراپ كېتىۋاتقاندا شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.  

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ [2019]9477 -نۇمۇرلۇق ئىسپىرت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكىلاتىدا:« قXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر  قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىتىل ئالكوھولنىڭ مىقدارى 164 مىللىگىرام >> دىيىلگەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : تەرتىپ جەھەتتىكى ئىسپاتلار؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى،يازما ئىسپات  قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بۇلۇپ، ئاساسلىنىشقا بۇلىدۇ، جاۋاپكار قXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار قXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكار قXXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا جاۋاپكارغا 1 ئايدىن يۇقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراق قۇيۇش تەكلىۋى بېرىمىز. جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش : پاتىگۈل خالىق                      

                                   2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى

قوشۇمچە:

1. جاۋاپكار قXX كېپىلدە.

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، 2 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top