欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(库某某贩卖毒品)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                      

                    ئۈ ت ت 1-ب ج ئە2020﹞139–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار قۇ**، ئەر، ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ **ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6540232000، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسىپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ **ناھىيسى **يېزىسى **كوچىسى جەنۇبى **-كوچا **-نۇمۇر. زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار قۇ**نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 2–ئاينىڭ 13-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بۇ جەرياندا دىلونى ئىككى قىېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى قانۇن بۇيىچە بىر قېتىم ئۇزارتتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 22 لەردە، جاۋابكار قۇ** ** رايۇنى **يولى ئەتراپىدا، باشقىلارغا 4000.00 يۈەنگە سۇلىياۋ خالتىغا قاچىلانغان بىر بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم ساتقان نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كېيىن، يېنىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق يېنىدىن يەنە 14 كىچىك بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم ئاختۇرۇپ تېپىلغان.

جاۋابكار قۇ** باشقىلارغا ساتقان ۋە يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، باشقىلارغا ساتقان بىر خالتا گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 47.113 گىرام ئىكەنلىكى، يېنىدىن چىققان 14 كىچىك بولاق گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 10.191 گىرام  ئىكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ تەركىۋىدە زەھەر تەركىبى AMB-FUBINACA، ADB-FUBINACA ، 5F-ADM لارنىڭ يوقلۇقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. جاۋابكار قۇ**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش خاتىرىسى؛

2. گۇۋاھچى زۇ**دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار قۇ**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش خاتىرىسى، دىلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛

5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇم تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنىڭ تۇتۇلۇش (دېلوغا كىلىش) جەريانى ئىسپاتى، دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش تىزىملىكى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار قۇ**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار قۇ**نىڭ يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان بۇيۇمنى زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا دەپ قاراپ باشقىلارغا ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددىسىنىڭ 1- ۋە 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، باھالاش ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىنغان گۇمانلىق بۇيۇمدىن زەھەر تەركىبى چىقمىغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ئاساسەن ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەت بۇيىچە جازا بېرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن 

                             تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 15–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار قۇ** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىپىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top