博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕166号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020)166-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار قۇ** ، ئەر، ئۇيغۇر ،47 ياش، كىملىك نومۇرى: 6541231973********، ساۋاتسىز، ئىشسىز، تۇرۇشلۇق ئورنى:بورتالا شەھەر** كەنتى**يولى **- كوچا **- نومۇر، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: قورغاس ناھىيەسى ** ساقچىخانىسى. 2020-يىلى 2- ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوغۇرلۇق قىلمىشى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى (2020) 117-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار قۇ**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
1. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 0 دە، جاۋابكار قۇ** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، بورتالا شەھەر چىندىل بازىرى گۈلۈمتى 3-كەنىتتىكى ** دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھىغا بېرىپ، كەچتە ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئارامگاھنىڭ ئالدىدىكى تۆمۈر رىشاتكىنىڭ بىر پارچىسىنى تارتىپ، شۇ ئارلىقتىن ئارتىلىپ ئىچىگە كىرگەن، ئاندىن ئارامگاھنىڭ ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تا**نىڭ ئاق ھاراق، قوي گۆشى، توخو گۆشى، لازا قىيامى، قەغەز، سائەت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان (زىيان ئىگىسىگە قايتقان) .
2. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 4 بولغاندا، جاۋابكار قۇ** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، بورتالا شەھەر چىندىل بازىرى گۈلۈمتى 3-كەنىتتىكى **-گۇرۇپپا **-نومۇرلۇق ئۆيگە بېرىپ، ئەتراپتىكى ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆينىڭ جەنۇپ تەرەپتىكى تېمىدىن ئارتىلىپ ھويلا ئىچىگە چۈشۈپ، ھويلىدىكى ئىسكىلاتنىڭ دەرىزىسىدىن ئارتىلىپ ئىسكىلاتنىڭ ئىچىگە كىرگەن ئىسكىلات ئىچىدىكى توڭلاتقۇدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مى**نىڭ كالا گۆشى، قوي گۆشى، قوي بۆرىكى قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەم شۇ ئىسكىلاتتىكى بىر دانە ۋېلىسىپىتنى ئوغۇرلاپ كىرگەن يېرىدىن قايتىپ چىقىپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان.(زىياننىڭ بىر قىسمى ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى)
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، باھالاش يەكۈنى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار قۇ**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە ئوغۇرلۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ 4563يۈەن قىممىتىدىكى قانۇنلۇق مال- مۆلىكىگە دەخلى تەرۈز يەتكۈزگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋاپكار كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرتتا.
1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论