شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2019) 2660 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ق X X ، ئەر، ئۇيغۇر، X X ياش، كىملىك نۇمۇرى: 65290119XXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، ئاقسۇ شەھەر X X بازار X X كەنىت X X - گۇرۇپ X X - نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019– يىلى 7– ئاينىڭ 14– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 5-كۈنى (2019) 697- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019- يىلى 07- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 02:20 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ق X X ھاراق ئىچكەندىن كىيىن نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئايكۆل بازار 17- كەنت تەۋەسىدە مېڭىۋاتقاندا، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈپ بايقىغان بۇلۇپ، جاۋاپكار ق X X نى ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 144.51 مىللىگىرام (144.51mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرىنامىسى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ق X X نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ق X X قىلمىشىنى ئەيىنەن ئىقرار قىلىدى، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسى بۇيىچە جاۋابكار قۇربان مەمەتنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش قۇشۇمچە 3000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا، 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئې X X
تەپتىش : ئا X X
2019- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشش تېلفۇن نۇمۇرى 153XXXXXXXXX
(2) 13 نۇسخا ئەيىپنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازا قايىل بۇلۇش تىل خېتى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论