欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(帕某谋危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                      پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020)718-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار: پەXX، ئەر،ئۇيغۇر، **19-يىلى**- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : 0512******65212219   ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا  ئولتۇرۇشلۇق ،تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە ،دېھقان ،ئىلگىرى جازالانمىغان ، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020 -يىلى 10-ئاينىڭ 6- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار پەXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

2020-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۇنى سائەت 02 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ،جاۋاپكار پەXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا، 新K**** نۇمۇرلۇق، « ** » ماركىلىق، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ، شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى **-نۇمۇرلۇق دىلو مالۇم قىلىش نۇقتىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە يول ياقىسىدىكى تاش بىلەن سوقۇلغان، نەتىجىدە جاۋاپكار پەXX ئۆزى يارلىنىپ قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچراشتەك ئاددەتتىكى قاتناش ھادىسىسنى سادىر قىلغان. 

شىنجاڭ خېڭجىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 33-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : جاۋاپكار پەXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى « ml100mg/122.0»دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛  3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار پەXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار پەXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ ئادەتتىكى قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى 1-تارماق 2-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا: تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار پەXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن  يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار پەXXكە 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار پەXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

 

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

2020- يىلى11- ئاينىڭ 5- كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار پەXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1560995

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top