شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[2020] 168-نومۇرلۇق
جاۋاپكار پى**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى**- ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەلۇماتلىق، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: غ ن ** يىزا ** كەنت ** يولى **-كوچا **-نومۇر، كىملىك نومۇرى: 654121********2799، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى1- ئاينىڭ3-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى2-ئاينىڭ7-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىش قارار قىلىنغان. 2020- يىلى2-ئاينىڭ7-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غ ن قاماقخانىدا قاماقتا.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
بىرىنجى قېتىم، 2019-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنلىرى غ ن دوڭمازار بازىرى توقاي كەنت ئەزاسى دىل** جاۋاپكار پى**قا:«مېنىڭ ماشىنامنى غ ن قاتناش تىرانسىپۇرىت باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ كىرا قىلدى دەپ تۇتىۋالغان، سەن مېنىڭ ماشىنامنى ئىلىپ چىقىپ بېرەلەمسەن»-دىگەن، پى** دىل**غا««ماشىناڭنى مەن ئىلىپ بېرەلەيمەن، مېنىڭ قاتناش تىرانسىپۇرىت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تونۇشۇم بار، ئۇنىڭدىن باشقا قاتناش تىرانسىپۇرىت ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆڭلۇم يېقىن»- دەپ دىل**نى ئالداپ دىل**ىڭ 4500يۈەن پۇلىنى ئىلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.(3500يۈەن زىيان ئەسلى ئىگىسىگە قايىتتى).
ئىككىنجى قىتىم، 2019-يىلى1-ئاينىڭ 30-كۈنى غ ن مازار يىزا ئار مەھەللە كەنت ئەزاسى كا** ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ماشىنىسىنى غ ن قاتناش تىرانسپۇرىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۇتۋالغانلىقىنى جاۋاپكارپى**قا دىگەن، پى** كام**غا‹‹ ماشىناڭنى ئاچىقىدىغانغا 3000يۈەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇندىكى خادىملارنى مىھمان قىلىدىغانغا 500يۈەن بولۇپ جەمئىي 3500يۈەن پۇل كېتىدۇ››دەپ كا**نى ئالدىغان، كام** دەسلەپتە 3500يۈەن پۇلنى پى**قا ئۇندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن، ئارىدىن ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پى****، كا**قا تىلفۇن قىلىپ:«ماشىناڭغا 4000يۈەنلىك تالۇن كسىپتۇ، يەنە 200يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەر. ماشىناڭنى ئىلىپ چىقىدىغانغا چاپىمەن دەپ، ماشىننىڭ مېيى تۈگىدى، مايغا 100يۈەن ئەۋەتىپ بەر. قاتناش تىرانسىپۇرۇت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئولتۇرغان يېنىمدىكى پۇل يېتىشمەيۋاتىدۇ، 200يۈەن ئەۋەتىپ بەر»-دىگەندەك تۈرلۈك يالغان گەپلەرنى قىلىپ، كا**نى ئالداپ كام**نىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 3990يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.(3500يۈەن زىيان ئەسلى ئىگىسىگە قايىتتى).
ئۈچىنجى قىتىم، 2019-يىلى4-ئاينىڭ20-كۈنلىرى غ ن ج خ ئىدارىسى ئۈچئون شۆبە ئىدارىسنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ئاي** جاۋاپكارپى**قا ئاق رەڭلىك نىسسان شىياۋكى ماشىنىدىن بىرنى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئىيتقان، پى** ئا**كە بىر دانە ئاق نىسسان شىياۋكى ماشىنىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ، ئا**كە ‹‹بۇ ماشىنا ھازىر بېيجىڭدا بۇ شىياۋكى ماشىنا 58مىڭ يۈەندىن كام بولمايدۇ، ئالىمەن دېسەڭ 10مىڭ يۈەن پۇلنى ئالدىن بېرىسەن»-دىگەن، ئا**نى ئالدىغان بولۇپ پى**قا ئۇندىدار ئارقىلىق 10مىڭ يۈەننى ئەۋەتىپ بەرگەن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنلىرى پى** ئاي**كە ‹‹بېيجىڭدىن كىلىدىغان شىياۋكى ماشىنىنىڭ چاتىقى باركەن، سەن باشقا ماشىنا ئالغىن››دىگەن ھەمدە 2019-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى، پى** ئىل**ىڭ نىسسان شىياۋكى ماشىنىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ھەيدەپ ئاي**ىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاي**غا:«مانا بۇ 2017-يىلىنىڭ نىسسان شىياۋكى ماشىنىسى ئالىمەن دېسەڭ 80مىڭ يۈەندىن كەم بولمايدۇ››دىگەن، ھەمدە ئاي** بىلەن شۇ كۈنى توختام تۈزگەن، توختام تۇزگەن كۈنى ئاي**، پى**قا 5000يۈەن پۇل بەرگەن، ئەتىسى پى** ئاي**كە ‹ماشىنىنى نامىڭغا يۆتكەيمىز››دەپ يەنە 1500يۈەن پۇل ئالغان، ئاندىن پى** ئاي**كە:«مەن بۇ نىسسان شىياۋكى ماشىنىنى باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ ئالغان، شېىركىم بۇ ماشىنىنى ساتىدىغانغا ئۇنىمايۋاتىدۇ››دەپ ئاي**نى ئالدىغان، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئاي**غا ‹‹ماشىنىنى سېنىڭ نامىڭغا يۆتكىگىچە ئازراق پۇل بېرىپ تۇر››دەپ ئاي**دىن يەنە 4500يۈەن پۇل ئالغان،بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پى**يەنە ئاي**غا :«ماڭا شىياۋكى ماشىنىنىڭ قالغان پۇلىنى بەر، مەن بۇ پۇلنى شىرىكىمگە بىرىپ شىياۋكى ماشىنىنى ساڭا ئەكىلىپ بېرىمەن››دەپ ئاي**نى ئالداپ 14300يۈەن پۇل ئالغان، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى پى** ئاي**غا:«ماشىناڭنى سەن قولۇڭغا ئالىسەن، شىرىكىمنىڭ 1000يۈەنلا پۇلى قالدى، سەن ماڭا 1150يۈەن ئەۋەتىپ بەرگىن، مەن ماشىنىغا 150يۈەنلىك ماي قۇيۇپ ھەيدەپ كىلىمەن›› دەپ ئاي**نى ئالداپ ئاي***دىن يەنە 1150يۈەن ئالغان، پى** يۇقارقىدەك گەپ-سۆزلەر بىلەن ئاي**نىڭ جەمئىي 49950 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئالغان. ئاي** كۆپ قىتىم پى**قا ماشىنىنى ياكى پۇلنى بىرىشنى ئىيتقاندىن كىيىن، پى**، ئاي**كە ‹‹سىنىڭ ئالغان ماشىناڭ ئىچكىرىدىن كەلگىچە ھەيدەپ تۇر›› دەپ، دى**دىن ئۆيىنىڭ كىنىشكىسىنى گۆرۈگە قويۇپ، 5مىڭ يۈەنگە سىتىۋالغان قىزىل رەڭلىك بىياۋجى ماركىلىق ماشىنىنى ئا**نىڭ ھەيدىشىگە بەرگەن. (دىلوغا چىتىشلىق قىزىل رەڭلىك بىياۋجى ماركىلىق ماشىنا دى**غا قايتۇرۇلدى، ئايدىڭ مەتىكەشنىڭ زىيىنى ئەينىگە قايىتمىدى) .
تۆتىنجى قىتىم، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى جاۋاپكار پى** پە**غا ئۆزىنى ئىككىنچى قول ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، پە** پى**قا ئۇندىداردا ماشىنا ئالماقچى ئىكەنلىكىنى دىگەن، پى** پەز**نى ئالداپ باشقىلار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويغان ماشىنىلارنىڭ رەسىمىنى پەز**غا ئەۋەتكەن، پە** پى** ئەۋەتكەن ماشىنىلارنىڭ رەسىمى ئىچىدىن ئاق رەڭلىك تىدا ماركىلىق ماشىنىنى ئالىمەن-دىگەن، پى** پەز**غا:«بۇ ماشىنا ئىچكىرىدە مەن بۇ ماشىنىنى ئىچكىرىدىن سالدۇرۇپ بېرىمەن، بۇ ماشىنا 22000مىڭغا سىتىلىدۇ»-دىگەن، پەز**نى ئالىدىغان بولغان پى** پە**غا:«ئالدىن 3000مىڭ يۈەن بېرىسىز »-دىگەن، پەز** بولىدۇ-دەپ پى**قا 3000مىڭ يۈەننى ئۇندىدار ئارقىلىق ئېتىپ بەرگەن،ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پى** پەز**غا:«ماشىنىڭىز 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كىلىدۇ، قالغان پۇلنى ئەۋەتىپ بېرىڭ››دەپ يەنە ئۇندىدار ئارقىلىق 4000يۈەننى بىر 3000يۈەننى بىر ئەۋەتكۈزگەن، ئارقىدىن يەنە ‹‹ئىچكىرىگە سالىدىغان پۇل كاملاپ قالدى››دەپ 2000يۈەننى ئايرىم، 300يۈەننى ئايرىم ئۇندىداردا ئەۋەتكۈزگەن، پى** پە**نىڭ جەمئىي 12300يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلۋالغان. (زىيان ئەينىگە قايىتمىدى)
بەشىنجى قىتىم، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى مۇ** پى**قا:« مەندە 2006-يىلىنىڭ بىر سىگىدا ماركىلىق ماشىنا بار ئىدى، مەن ماشىنىنى سىتىۋەتمەكچى، سىز سېتىپ بېرەمسىز ، بۇ ماشىنىنى قانچە پۇللارغا ئالىدۇ»-دىگەن پى**‹‹ تەخمىنەن 28مىڭلارغا ساتقىلى بولىدۇ››دىگەن ھەمدە ئىككىسى ئۇندىدار نومۇرىنى قىتۋالغان. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پى**نى مۇ**تىن 28مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىمەن دەپ مۇ**نىڭ سىگىدا ماركىلىق ماشىنىسىنى ئىلىپ ماشىنىنى غ ن ج خ ئىدارىسى چارلاش ئەتىرىدە ئىشلەيدىغان نۇر** 26مىڭ يۈەنگە سىتۋىتىپ مۇ**كە ماشىنىڭىزنى باشقىلارنىڭ ماشىنىسىغا تىگىشۋەتتىم دەپ مۇق**نى ئالداپ ماشىنا ساتقان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە قايىتمىدى).
ئالتىنجى قىتىم، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى جاۋاپكار پى** ماشىنا ئىجارە بىرىش شىركىتىدىن ئىجارە ئالغان خوندا سىۋىك ماشىنىنى ئاب**غا ‹‹ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسى ماڭا پۇل كېرەك بولۇپ قالغان، سەن ماڭا 10مىڭ يۈەن بېرىپ ماشىنىنى ھەيدەپ تۇر، مەن 10مىڭ يۈەننى ساڭا قايتۇرغان چاغدا ماشىنامنى قايتۇرۇپ بېرىسەن››دەپ ئاب**دىن 10مىڭ يۈەن پۇل ئالغان، ئاب** خوندا سىۋىك ماشىنىنى 12كۈندەك ھەيدىگەندىن كىيىن، ماشىنا ئىجارە شىركىتى ماشىنىنى ئاب**دىن تارتىپ ئەكەتكەن. پى** ئابد**دىن ئالغان 10مىڭ يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.(زىيان ئەسلىگە قايىتمىدى).
يەتتىنجى قىتىم، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋاپكار پى** لۈ **نىڭ ماشىنا ئىجارە بىرىش شىركىتىدىن لۈ **نامىدىكى قارا رەڭلىك شىيەندەي سوناتا ماشىنىنى كۈنلىكىنى 300يۈەندىن ئىجارىغا ئىلىپ،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىجارە ئالغان شىيەندەي سوناتا ماشىنىنى ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسى دەپ 50مىڭ يۈەن ھىساپلاپ، سۈ** ( سۇ**)نى ئالداپ، سۇ**نىڭ مازىدا3 ماشىنىسىنى 30 مىڭ يۈەن ھىساپلاپ، سۇ** مازىدا3 ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدىن 20مىڭ يۈەننى پى**كە بىرىدىغان بولۇپ كىلىشىپ توختام تۈزگەن. ھەمدە سۇ** ئالدىن بىر دانە ئالما 7 ماركىلىق يانفۇننى 2900يۈەنگە ھىساپلاپ، 7100يۈەن قىزىل بۇلاق بولۇپ، جەمئىي 10مىڭ يۈەننى پى**كە بەرگەن. پى**ماشىنىنى سۇبىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن قالغان 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالىمەن دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇ**ىڭ 10مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغاندىن كىيىن، مازىدا 3 ماركىلىق ماشىنىنى ھەيدەپ كەتكەن. سوناتا ماركىلىق ماشىنىنى سۇ** ھەيدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماشىنىنىڭ ئىگىسى لۇم** ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى قايتۇرۋالغان. پى** سۇ**دىن ئالغان مازىدا3 ماشىنىنى شى**كە ئۆزۈمنىڭ نامىدىكى ماشىنا دەپ ئالداپ 15مىڭ يۈەنگە سىتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.(دىلوغا چىتىشلىق قارا رەڭلىك شىيەندەي سوناتا لۈ**غا، مازىدا ماشىنا سۇ**غا قايتۇرۇلۇپ، لۈمى**بىلەن سۇ**ىڭ زىيىنى ئەسلىگە قايىتتى،شى**نىڭ زىيىىنى ئەينىگە قايىتمىدى).
سەككىزىنجى قىتىم، 2019-يىلى 8-ئايلار مەزگىلىدە جاۋاپكار پى** سا** بىلەن تونۇشۇپ، سا**قا ئۆزىنى ئىككىنچى قول ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ تونۇشتۇرۇپ، سا** پى**قا ئۆزىنىڭ 15مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ماشىنىلار بولسا ئالىدىغانلىقىنى ئىيتقان، پى** سا**نى ئالداپ:‹‹ سىز ئالدىغان ماشىنا ئىچكىرىدىن كىلىدۇ ئاۋۋال 15مىڭ يۈەن پۇل بىرىڭ مەن ماشىنىنى سالغۇزۇپ بىرىمەن›› دەپ، سا**ىن 13500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئالغان.(زىيان ئەسلىگە قايىتمىدى)
توققۇزىنجى قىتىم، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى جاۋاپكار پى** ئىل**ىڭ تويۇتا رىيىز ماركىلىق ماشىنىسىنى كۈنلىكىنى 200يۈەندىن ئىجارە ئىلىپ، ماشىنىنى ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسى دەپ تۇ**نى ئالداپ، تۇ**غا 16مىڭ يۈەنگە سىتىپ، ماشىنىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.(تويوتا رىيىز ماركىلىق ماشىنا ئى**كە قايتۇرۇلغان. تۇغ**ىڭ زىيىنى ئەينىگە قايىتمىدى).
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات؛
2. زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى؛
3. گۇۋاھچىلارنىڭ بايانى؛
4. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار پى** باشقىلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ پۇل-مىلىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز توققۇز قىتىم قىلمىش سادىر قىلىپ شەخىسلەرگە 163240يۈەن زىيان سالغانلىق قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق. جاۋاپكار پى**نىڭ ئالدامچىلىق سوممىسى ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. جاۋاپكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سوراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەسئەت، مىرزەكىم
2020-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋاپكار پى** قولغا ئىلىنغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقتا.
2. 2 توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论