欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(帕某某诈骗案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2019〕7843- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار پX، ئەر، ئۇيغۇر،1997– يىلى**- ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531301997، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، يۇرتى: شىنجاڭ تۇمشۇق شەھىرى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا-ئىگىلىك** دىۋىزيىسى تۇمشۇق شەھىرى ** بازىرى **-تۈەن ** يۇلى **-رايۇن **-قورو **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان.

ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، 2019-يىل 09-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنى بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىغا توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچا ناھىيسىگە يالاپ ئېلىپ كىلىنىپ كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىغا جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕73- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋاپكارپ Xنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2019-يىلى11-ئاينىڭ 16–كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

‹1› جاۋابكار پX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە 2019-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى نXغا تىلفۇن قىلىپ «ئىنىڭنى ساقچى مەكتەپتە ئۇقۇتامسەن، مەن ساڭا سان ھەل قىلىپ بىرىمەن، ئالدىن 5000 مىڭ يۈەن بىرىسەن، چاقىرىق كەلگەندىن كىيىن قالغان 5000 يۈەننى بىرىسەن، چاقىرىق قەغىزى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە قولغا تىگىدۇ» دىگەندە، زىيانلانغۇچى نX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 5000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن، ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى نXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹2› 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى زىيانلانغۇچى دX، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان «شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتوتى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ، قىزىققۇچىلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار» دىگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن، جاۋاپكار پXغا نەۋرە ئىنىسىنى ساقچى مەكتەپكە ئالغۇزۇپ بىرىشنى دىگەندە، جاۋاپكار پX زىيانلانغۇچى دXنىڭ نەۋرە ئىنىسىگە چاقىرىق ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، ھەل قىلىش ئۈچۈن 10000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەن ، زىيانلانغۇچى دX ماقۇل بۇلۇپ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋە 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا ئىككى قېتىمدا10700يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار پX 10700 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى دXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹3› 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى زىيانلانغۇچى سX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قاچىلاپ پاراڭلاشقاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 4500 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى سX ماقۇل بۇلۇپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 4500 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن، ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى سXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹4› 2019-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا زىيانلانغۇچى بXنىڭ ئىنىسى ئاX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بXغا بۇ ئەھۋالنى دىگەن، جاۋاپكار پX زىيانلانغۇچى بXنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى بX ماقۇل بۇلۇپ، چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىنىسى ئاXنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 3000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، ئەتىسى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە ئىنىسى ئاX ئارقىلىق 2000 يۈەن نەق پۇلنى جاۋاپكار پXنىڭ قۇلىغا بەرگەن، كىيىن جاۋاپكار پX يەنە زىيانلانغۇچى بXغا تىلفۇن قىلىپ بالاڭلار يۈز تۇرانە ئىنتاھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن 500 يۈەن تاپشۇرساڭلار دىگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى بX يولدىشىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا يەنە 500 يۈەن 转账 قىلىپ بەرگەن، جاۋاپكار پX زىيانلانغۇچى بXنىڭ جىمئىي 5500 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى بXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹5› 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاX دوستى سX ئارقىلىق جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندا، جاۋاپكار پX زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ ئاتىسىغا ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، ئاXنىڭ ئاتىسى ماقۇل بولغان، ئاندىن زىيانلانغۇچى ئاX ئۆزىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئەXنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 5000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹6› 2019-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى نX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، پX بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 10000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى نX 2019-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە ئىككى قېتىمدا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 15000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX جەمئىي 15000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى نXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹7› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى زىيانلانغۇچى يX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئىككى بالىسىغا ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جاۋاپكار پX بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر سانغا 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى، يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئادەمگە 500 يۈەن بۇلۇپ، ئىككى بالىغا جەمئىي 11000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى يXئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا ئىككى قېتىمدا جەمئىي 11000 يۈەننى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى يXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹8› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى زىيانلانغۇچى مX نەۋرە ئىنىسى ئارقىلىق جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، نەۋرە ئاچىسى زXنىڭ قىزىغا ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جاۋاپكار پX بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى زىيانلانغۇچى مX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 5000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى مXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹9› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى يX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى يX 5000 يۈەن پۇلنى **-تۈەن كونا بېكەتنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار پXنىڭ قۇلىغا نەق بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى يXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹10› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى ئەX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 10000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى زىيانلانغۇچى ئەX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 10000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹11› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ كەسپى ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۇقۇغۇسى بارلىقىنى دىگەندە، پX مەن ئالاقىلىشىپ باقاي دەپ، ئىككىنچى كۈنى زىيانلانغۇچى ئاXغا تىلفۇن قىلىپ ھەر بىر سانغا 4000 يۈەندىن ئىككى ئادەمگە 8000 يۈەنگە چاقىرىق قەغىزى ھەل بۇلىدىغانلىقىنى دىگەن. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 8000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹12› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى ئەX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى ئەX جاۋاپكار پXنىڭ بانكا كارتىسىغا 5000 يۈەن پۇلنى سېلىپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹13› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى زىيانلانغۇچى ئەX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئەX تۇنۇشى يX بىلەن بىللە جاۋاپكار پX بىلەن **-تۈەن يېزا- ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشكەندە، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 7000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەن ، زىيانلانغۇچى ئەيسا ئېلى 5000 يۈەن پۇلنى پXنىڭ قۇلىغا نەق بىرىپ، قالغان 2000 يۈەن پۇلنى چاقىرىق قەغىزى ھەل بولغاندا بىرەي دەپ پۈتۈشكەن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى پX قالغان 2000 يۈەن پۇلنىمۇ بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى ئەX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 2000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX جەمئىي 7000 پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹14› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى قX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى قX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 5000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى قXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹15› 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى ئىX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، سىڭلىسىغا چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى زىيانلانغۇچى ئىX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 5000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى ئىXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹16› 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى زىيانلانغۇچى رX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئىنىسى جXغا چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 15000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى، ئالدىن 10000 يۈەن تاپشۇرسا بۇلدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە 5- كۈنى زىيانلانغۇچى رX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا ئىككى قېتىمدا 15000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX جەمئىي 15000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى رXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹17› 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى زىيانلانغۇچى جX جاۋاپكار پXنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاۋاپكار پX بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى دىگەندە، جاۋاپكار پX شىنجاڭ كەسپى تېخنىكا مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 4000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەن، زىيانلانغۇچى جX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 4000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى جXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹18› 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى زىيانلانغۇچى قX باشقىلاردىن جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئىنىسىغا چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندا، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، زىيانلانغۇچى قX ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 5000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى قXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

‹19› 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى زىيانلانغۇچى دX باشقىلار ئارقىلىق جاۋاپكار پXنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئوغلىغا چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار پX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندا، جاۋاپكار پX ئۆزىنىڭ ساقچى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 10000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىگەندە، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى زىيانلانغۇچى دەمىگۈل نۇر ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، جاۋاپكار پXنىڭ ئۈندىدارىغا 10000 يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار پX پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كىيىن خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندا جاۋاپكار پXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن، زىيانلانغۇچى دXنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

دىمەك جاۋاپكار پX 2019-يىلى 4-ئايدىن 2019-يلى 7-ئاينىڭ ئاخىرغىچە بولغان ئارلىقتا 19 نەپەر زىيانلانغۇچىغا يالغان سۆزلەپ ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ ئۇلارنىڭ جەمئى 140700 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلۋېلىپ خەجلەپ كەتكەن يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئالاقىدار سۈرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار پXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ـ ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار پXنىڭ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ، باشقىلارغا ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مال- مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا2- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپات راست ھەم تولۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، دىلو پاش بولغاندا زىيان جاۋاپكارنىڭ ئائىلىسىكىلەر ئارقىلىق تولۇق ئەسلىگە كەلگەن ھەم زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئەپۇسىغا ئىرىشكەن، جاۋابكار پX جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار پXغا مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش : قاھار ئابدۇراخمان

2019-يىلى 12-ئاينىڭ25-كۈنى

قوشۇمچە :

1) جاۋابكار پX ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا .

2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، ئەيىبلەشنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىر تەرەپ قىلىشنى قوللۇنۇش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top