和某某人民检察院
起 诉 书
和某某检一部刑诉〔2020〕**号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى ئەيىپلەش (2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار ف**،ئەر،ئۇيغۇر،1994-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان ،كىمىلىك نۇمۇرى 6528271994********، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى** شەرقىي يولى** - رايون**- بىنا** -كورپۇس** ئۆي،2013 -يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ** ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بىر يىل 8 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2020- يىلى1- ئاينىڭ10- كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 1- ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قەستەن زەخمىنلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان،جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئورنى: شىنجاڭ** ناھىيە** بازىرى** شەرقىي يولى** - رايون** بىنا** كورپۇس**-ئۆي ، ھازىرى خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار پ**نىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 03-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىلو بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئوقتۇرۇلدى،دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكارمەزكۇر دىلودا ئادەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۇرۇلۇپ،جىنايى پاكىتى توۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2019-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنى كەچتە جاۋابكار ف** ** ناھىيىلىك ** رېستۇرانىغا بېرىپ تويغا قاتناشقان،ھەمدە شۇ يەردە دوستلىرى بىلەن 3 بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەن،توي تۈگىگەندىن كېيىن ** مۇزىكىلق كۇلۇپقا بىرىپ ھاراق ئچىكەن.ئاندىن 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت2ئەتراپىدا تاماق يېيىش ئۈچۈن ئې**،ر**،ت**،ئا**،شى**،گ** قاتارلىق دۇستىلىرى بىلەن ** ناھىيە **بانكىسىنىڭ يېنىدىكى «** تېز تاماقخانىسى» غا بىرىپ تاماق يەپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان،شۇ ۋاقىتتا باشقا ئۈستەلدە تاماق يەۋاتقان زىيانلانغۇچى د** بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ ئىچىدىكى ئايرىمخانىغا يۆتكەلگەن،ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن تېشىدىكى ئۈستەلدە تاماق يەۋاتقان ئې** بىلەن زىيانلانغۇچى د** ئىككىسى ئۇلارنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ جاۋابكار ف** بىلەن يەنە گەپ تالىشىپ قالغاندىن كېيىن ،ئاشخانىنىڭ خوجايىنى د** بىلەن ئې** ئىككىسىنى چىقىرىۋەتكەن،ئې** بىلەن د** ئىككىسى سىرىتقا چىققاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ئۈچ ئاغىنىسى بىلەن بىللەپوچتا بانكىسىنىڭ ئالدىدىكى يولدا ف**نى ساقلاپ تۇرغان،ف**دوستلىرى بىلەن تاماقنى يەپ بولۇپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئاشخانىدىن چىقىپ ئۆيى تەرەپكە ماڭغان چاغدا، ئې**ف**نى « ھاراملىق،ئەمدى قىلە گېپىڭنى» دەپ تىللىغان،ف**،ئې**قا« ھاراملىق دېمە،ھاراملىق» دەپ جاۋاپ ياندۇرغاندىن كېيىن، ئې** قولىنىڭ ئالقىنى بىلەن ف**نىڭ يۈزىنى ئىتتىرىپ ف**نى يىقىتىۋەتكەن،ف**ىدىن تۇرۇپ ئې**نى ئىزدەپ ماڭغاندا پىيادىلەر يولىدا ئۇنىڭ ئالدىغا زىيانلانغۇچى د** چىقىپ «ئاناڭنى سىكىمە ھارامدىن بولغان»دەپ سەت گەپ بىلەن تىللىغان،شۇنىڭ بىلەن ف** د*نى كاللىسى بىلەن بۇرۇن قىسمىغا بىرنى ئۈسۈپ يىقىتىۋەتكەن.
خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ تىرىك ئادەم بەدىنىدىكى زەخمىگە قارىتا چىقارغان زەخمە يەكۈنىدە د**نىڭ زەخمىسىنى يېنىك 2-دەرىجىلىك زەخمە دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى،نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش ماتىرىيالى،باھالاشنامە قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ جاۋابكار پ** باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ ،باشقىلارنىڭ يىنىك( ئىككىنجى دەرىجىلىك) زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددسىنىڭ2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راسىت،شۇڭا جاۋابكار پ**نى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.جاۋابكار پ** ئىلگىرى جىنايى جازا ھۆكۈم قىلنىپ جازا مۇدىىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرلگەندىن كىيىن بەش يىل ئچىدە يەنە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان تەكرا جنايەتچى .شۇڭا «جىنايى ئشىلار قانۇن»نىڭ 65-ماددىسنىڭ بەلگلىمسىگە ئاساسەن ئىغىرلىتىپ جازا بىرىلىدۇ.باشقىلارنىڭ تەن-ساغلاملىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار پ**نى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى
2020- يىلى 7- ئاينىڭ7-كۇنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار پ** خېجىڭ ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3) 8نۇسخا ئەيپنامە
4) ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى
5) جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى
6) جىنايتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى
7) جىنايى ئشىلار قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论