شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 487-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: پەXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2316 ******65212219، پىچان ناھىيە ** 3- ئەترەت **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 01- ئاينىڭ 01- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار پەXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 01 دىن 04 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋابكار پەXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، 新K**** نومۇرلۇق، « **» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، شەرقتىن- غەربكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** ئولتۇراق رايۇنى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ماXX ھەيدىگەن 新K**** نومۇرلۇق « ** » ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ھادىسىدە ئادەم يارلانماي قاتناش ۋاستىلىرى زىيانغا ئۇچراشتەك قاتناش ھادىسىسىنى سادىر قىلغان.
شىنجاڭ «خىڭجىڭ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2019) 501- نومۇرلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ خۇلاسىسىدە: « پەXXنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى190.3mg/100ml» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى؛ 5. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار پەXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار پەXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار پەXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار پەXXكە3ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار XX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.
2. دېلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسمى ئاخىرلاشقان.
3. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论