欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(帕某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                    ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 300- نومۇرلۇق   

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

پXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652926XXXXXXXXXX، باي ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

  باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى بۇ دېلونى تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى (2020) 1-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ، دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار پ XX 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1 لەر ئەتراپىدا 新NXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومبىلنى مەس ھالەتتە باي ناھىيە XX بازىرى XX كەنتنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىدىن جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ XX كەنت XXگۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.

 شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي بۇيۇم ئەدلىيلىك باھالاش ئورنى (2020) 4639-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق «پXXنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا ئالكوگول بايقالدى، ھەر 100 مىللىلىتىر قاندىكى ئالكوگول مىقدارى 130.30 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات،  گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقىرارى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار پXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست، بېكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، بۇ جىنايەتكە قانۇندا بەلگلەنگەن جازا بولسا «تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شتىراف قويۇش جازاسى بېرىش» تىن ئىبارەت، جاۋابكارغا جازا ئۆلچەشتە، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا بايقالغان ئالكوگول مىقدارى، ئاپتومبىلنى مەس ھەلەتتە ھەيدىگەن يول شارائىتى ۋە ھەيدەش ئارلىقى، ئاپتومبىلغا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلىقى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسى ۋە «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنستىرلىكىنىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرشىتە قانۇننى تەدبىقلاش جەھەتتىكى بىر قانچە مەسلە ھەققىدىكى پىكرى» نىڭ 1-تارماق 1-، 2-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكار پXXقا 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 3000.00 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

 تەپتىش: ئىسراپىل ئىسكەندەر   

2020–يىلى 11–ئاينىڭ 18–كۈنى

پۈتۈكچى: مۇنىرە ئابلىكىم

 

ئىزاھات:            

 1) 1 توپلام ج خ ئارخىۋى، 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىش تەكىلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى، بەش دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى. 

2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە (تېلفۇن نۇمۇرى: 159XXXXXXXX).

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top