欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(希XX合同诈骗案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

   ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020)  538 - نومۇرلۇق

 ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار شىXX، ئەر، ئۇيغۇر، كىملىك نۇمۇرى: 6531271977XXXXXXX، يۇرتى XXشەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى XXشەھىرى XX-ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2012 - يىلى 10 - ئاينىڭ 14 - كۇنى توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ ، 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۇنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانا قاماقلىق.

XX رايونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى XXشۆبە تەپتىش مەھكىمىسى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكار شىXXنىڭ توختام ئالدامچىلىقى دېلوسىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۇلۇپ، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ مەزكۈر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار شىXX 2012-يىلى 4-ئايدا، XXرەڭلىك مېتال تەرەققىيات 16-قۇرۇلۇش شىركىتى XXغەربى رايون تارماق شىركىتىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ «XXدېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىۋى» بىلەن 50 يۈرۈش (ئەللىك يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى جاڭXX بىلەن 10 يۈرۈش (ئون يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ 500 مىڭ يۈەن (بەش يۈز مىڭ يۈەن) قۇرۇلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ئالغان. زىيانلانغۇچى لۇ XX بىلەن 4 يۈرۈش ( تۆت يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ 200 مىڭ يۈەن (ئىككى يۈز مىڭ يۈەن) قۇرۇلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ئالغان ھەمدە قۇرلۇشتا مەنپەئەت بېرىمەن دەپ 300 مىڭ يۈەن (ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن) قەرىز ئالغان. زىيانلانغۇچى ياڭ XX بىلە 4 يۈرۈش (تۆت يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ 150 مىڭ يۈەن (بىر يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن) قۇرلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ئالغان. زىيانلانغۇچى داXX بىلەن 10 يۈرۈش (ئون يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ، 200 مىڭ يۈەن (ئىككى يۈز مىڭ يۈەن) قۇرلۇش كاپالەت پۇلى ئالغان ھەمدە قۇرلۇشتا مەنپەئەت بېرىمەن دەپ 600 مىڭ يۈەن (ئالتە يۈز مىڭ يۈەن) قەرىز ئالغان. زىيانلانغۇچى ئېXX بىلەن 10 يۈرۈش (ئون يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ 200 مىڭ يۈەن (ئىككى يۈز مىڭ يۈەن) قۇرلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ئالغان. زىيانلانغۇچى چىن XX بىلەن 6 يۈرۈش (ئالتە يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ 200 مىڭ يۈەن (ئىككى يۈز مىڭ يۈەن) قۇرلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ئالغان. زىيانلانغۇچى مXX بىلەن 4 يۈرۈش (تۆت يۈرۈش) قوتان قۇرلۇشى توختىمى تۈزۈپ 200 مىڭ يۈەن (ئىككى يۈز مىڭ يۈەن) قۇرلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ئالغان.  

  ئومۇملاشتۇرغاندا، جاۋابكار شىXX ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ، 7 نەپەر زىيانلانغۇچىدىن 1 مىليون 650 مىڭ يۈەن (بىر مىليون ئالتە يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن) قۇرلۇش سۈپەت كاپالەت پۇلى ۋە قۇرلۇشتا مەنپەئەت بېرىشنى باھانە قىلىپ 900 مىڭ يۈەن (توققۇز يۈز مىڭ يۈەن) قەرىز ئالغان. جەمئى ئالغان 2 مىليون 550 مىڭ يۈەن (ئىككى مىليون بەش يۈز ئەللىك بەش مىڭ يۈەن) دىن دېلو پاش بولغاندا 100 مىڭ يۈەن ئەسلىگە كەلگەن، باشقا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار شىXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 224-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

 

باش تەپتىش : ئابدۇۋېلى ئالىم

تەپتىش : تۇرسۇنئاي ئەخمەت

2020- يىلى  10- ئاينىڭ 9-كۈنى

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top