欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(布某某盗窃案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 673-نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار بx، ئايال، ئۇيغۇر، 1980-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *********** 652923198. باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، كۇچا شەھىرىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: كۇچا شەھەر **** يېزا *** كەنت **-گوروپپا ***-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان،

ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپدىن قايتا كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕243-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار بxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى6- ئاينىڭ17-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار بx2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 14 لەردە نەۋرە سىڭلىسى رxنىڭ يولدىشى مx بىلەن بىرگە ئۆيىنى تاقاپ سىرتقا ماڭغانلىقىنى كۇرۇپ، رxنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئۇغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ، سىتىپ پۇل قىلىپ خەجلەش مەقسىتىدە، رxنىڭ ھۇيلىسىغا باغ تەرىپىدىن كىرىپ، ھۇيلىدىكى كارۋات ئۇستىدىن چۇكا چوڭلۇقتىكى تۇمۇرنى ئېلىپ، تۆمۈر بىلەن قۇلۇپ سالغان قاغا تۇمشۇقنى تۇمۇرۇپ،ئىشىكتىن كىرىپ ئۇدۇلدىكى ئۇيدىكى زىيانلانغۇچى رىxنىڭ يوتقان-كۆرپىنىڭ ئارىسىغا قۇيۇپ قۇيغان 14910 يۈەن قىممىتىدىكى 42 گىرام ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن،2013 -يىلى5-ئايدا بx ئۇزىنىڭ قىلمىشىنىڭ بايقىلىپ قىلىشىدىن قۇرقۇپ،رxنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئۇغۇرلىۋالغانلىقىنى تاغىسى ئەxقا (2014-يىلى 5-ئايدا قاتناش ھادىسىدە ئۇلۇپ كەتكەن) دەپ ئەx ئارقىلىق ئۇغۇرلىغان ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەرنىڭ ھەممىسىنى رxكە تۇلۇق قايتۇرۇپ بەرگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار بxىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار بxىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن :

   تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

       2020-يىلى6-ئاينىڭ 29-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار بx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە .

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top