欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(布某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                       ت ت جىنايى ئىشلار 1- بۇلۇم ئەيپلەش (2021)19 -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار بو** ئەر، ئويغۇر،** ياش، 19**-يىل**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 652925********2517 تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىشچى،  تو**، تو** بازار ئىناق ماكان ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا  **- كۇرپۇس **- نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان.  20**يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك  ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

جاۋابكار بو** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى 20**-يىلى ** -ئاينىڭ **-كۈنى (2021) **-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى  ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى.

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى. 

جاۋابكار بو** 2020_ يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۇنى سائەت 16:00لەر ئەتىراپىدا تۇقسۇ ناھيە توقسۇ بازار قۇملۇق ئەتتىرگۇل ئولتۇراق رايۇننىڭ يېندىكى”شىنجاڭ ياخشى جاي “تاماقخانسدا باشقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ ئاشخاندىن چىققاندىن كېيىن ئاشخانا ئالدىغا تۇختتىپ قويغان新N6274Jنۇمۇرلۇق  ماشنسىنى يالغۇز ھەيدەپ تۇقسۇ ناھيە توقسۇ بازار ياخشى گۇللكى ئايلانمسغا كەلگەندە ماشنا يول چىتدىكى گۇللۇككە كىرىپ كەتكەندە شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان تۇقسۇ ناھيە ج خ ئىدارسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى  تەرپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۇشكەن. 

شنىجاڭ چۇڭشىن ئەدىليىك باھالاش مەركىزنىڭ(2020)6228-نۇمۇرلۇق ئەدىليلىك باھالاش پىكرنامسدا بو** ھەر يۇز مىللتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبدە ئىسپرت مىقدارنىڭ 212مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى  قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. 

مەھكىممىز، جاۋابكار بۇ** يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى  شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار بو** «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133-ماددا 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بىرىش زۇرۇر ، جاۋابكار بو** 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ،قۇشۇمچە 6000يۇەن شىتراف قۇيۇش جازاسى بېرىش توغىرسدا تەكلىپ بېرىمىز،شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش : نۇرمەمەت ۋاھىت

تەپتىش :  ئەمەر قادىر 

           2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

قۇشۇمچە : ①  جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

            

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top