欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(巴某某危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检刑检字刑诉〔2019〕200号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            ئو ت ئەيىبلەش ( 2019) 200     -نۇمۇرلۇق

    جاۋاپكار   باXX، ئەر ، ئۇيغۇر،  XX19-يىلىX- ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXX 652922199303 ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، XX ناھىيە XX بازار XXكەنت X-مەھەللە XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق  ،ئىلگىرى جازالانمىغان .خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىس تەرىپىدىن  2018-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۇنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن 。

   ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  باXXنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكارغا، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغاندا  كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى تىز سوتلاش  تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

 قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلار ئېنىقلاندى:

    جاۋاپكار باXX 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۇنى سائەت 20:40 ئۆتكەنلەر  ئەتراپىدا  مەس ھالەتتە ، پىراۋىسىز 新N6AXXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسىكىلىت ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى يول بۈلىكىدە كىتىۋاتقاندا، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

   قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ باھالاش يەكۇنىدە ،جاۋاپكار باXXنىڭ ۋىنا قېنىدا  mg\100ml 218.63 ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى  ئېنىقلانغان .

      يۇقارقى   پاكىتنى   ئىسپاتلايدىغان   دەلىل-ئىسپاتلاردىن  يازما ئىسپات،  جاۋابكارنىڭ ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،  ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ،باھالاش پىكىرى ،ئۇن سىنپىلاستىنكسى قاتارلىقلار بار .  

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلەشنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبلەشنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار باXXنىڭ  مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،  « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

 جاۋاپكار باXXنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللاغا بىرلەشتۇرۇپ جاۋاپكار باXXگە  4 ئاي 15 كۇندىن  5 ئاي 15كۇنگىچە  تۇتۇپ  تۇرۇپ  ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە  9مىڭ يۈەندىن 11 مىڭ يۆەنگىچە  شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش تەكلىبى بىرىمىز. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار  باXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

  ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                          تەپتىش: نىجات ئەسقەر 

                          پۇتۇكچى :شىرزات نۇرمەممەت 

                      2019-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر 、ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار باXX   ھازىرئائىلىسىدە،

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top