欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(已改)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپنامىسى

ت.ن. ئەيىپلەش1-بۆلۈم(2019)105-نومۇرلۇق 

جاۋاپكارنXX،ئەر ،قازاق،19XX-يىلىX-ئاينىڭX-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى:654124XXXXXXX0013، ئالي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:چارۋىچىلىق ئىدارىسى،نوپوسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيە تىيەنخۇڭ شاڭدۇ ئولتۇراق بىناسى1-بىنا1-كورپوسXX-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن توققۇزتارا ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

       مەزكۇر دىلونى2020-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى توققۇزتارا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن،2019-يىلى4-ئاينىڭ9-كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،2019-يىلى4-ئاينىڭ10-كۈنى جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولۇش تۈزۈمىنىڭ قانۇنى نەتىجىسىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋاپكارنىڭ ۋە دىژورنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋاپكار مەزكۇر دىلونى تىز كىسىم تەرتىپى بىلەن قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.جاۋاپكاردىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ دىلونىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن دىلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك بېكىتتۇق: 

     جاۋاپكار نXX ،2019-يىلى11-ئاينىڭ29-كۈنى سائەت03دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新F94XXنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، توققۇزتارا ناھىيەلىك مەركىزى خەلىق مەيدانى شىمال تەرەپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە، خىزمەت ئۆتەۋاتقان ياردەمچى ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقىلىپ قاتناش ساقچى ئەترىتىگە ئۆتۈزۈلۈپ بېرىلگەن، ھەمدە ساقچىلار تەرىپىدىن ناھىيىلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ قان تەكشۈرتۈلگەن، شىنجاڭ جۇڭيى ئەدىلىيەلىك ماددى بويۇملارنى باھالاپ بىكىتىش ئورۇننىڭ (2019)3165-نۇمۇرلۇق فىزىكلىق –خىمىيلىك باھالاش تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا جاۋاپكارنXXنىڭ قان ئەۋرىشكىنىڭ ئىسپىرىت مىقدارى261.97mg/100mlبولۇپ چىققان.      

يۇقۇرىدىكى جىنايەت پاكىتىلارنى بېكىتىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.يازما ئىسپات: توققۇزتارا ناھىيلىك ج خ ئىدارسىنىڭ قانۇنى ھۆججەتلىرى، جاۋاپكارنXXنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، قان ئالغاندىكى شۇنداقلا نەق مەيدان رەسىمى ،قان ئېلىش گىراپىسى،شوپۇرنىڭ ئۇچۇر تەكشۈرۈش تىزىملىكى،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئۇچۇر تەكشۈرۈش تىزىملىكى، ئىجدىمائى تەكشۈرۈش دوكىلاتى قاتارلىق يازما ئىسپات ماتىرىياللىرى بار.

     2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى :نXXنىڭ ئىقرارى بار.

3.باھالاش پىكىرى: شىنجاڭ جۇڭيى ماددى بويۇملارنى ئەدىلىيەلىك باھالاپ بىكىتىش ئورنىنىڭ (2019)3165-نۇمۇرلۇق فىزىكلىق –خىمىيلىك باھالاش دوكىلاتى بار.

     4.ئۈن-سىن ماتىرىيالى:جاۋاپكارنXX تۇتۇلغان نەق مەيداندا ،قان ئالغاندا،ۋە سوراق قىلىش جەريانىدا ئېلىنغان تۆت دانە ئۈن-سىن ماتىرىيالى بار.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

يىغىچاقلاپ ئېيتقاندا، جاۋاپكارنXXنىڭ يۇقارقى ھەركىتىدىن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ133-ماددا1-تارماق1-ئابزاس2- مەزمۇندىكى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،دېلونىڭپاكىتىئېنىق،دەلىل-ئىسپاتىتولۇق،جىنايىجاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكارنXXدىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئۆز جىنايىتىنى تولۇق تونۇپ راستچىللىق بىلەن ئىقرار قىلغان،بېكىتىلگەن جىنايەتكەقارشى پىكىرى بولمىغان، ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولۇش تۈزۈمىگە ماسلاشقان،جاۋابكارنXX ئىككى ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلپ قوشۇمچە4000يۈەن جەرىمانە قويۇش،ھەمدە تىز كىسىم قىلىش تەرتىپى بىلەن قاراپ چىقىشتەكلىپىنىبېرىمىز، شۇڭا«جوڭخۇاخەلقجۇمھۇريىتىجىنايىئىشلاردەۋاقانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكىبەلگىلىمىگەئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق،قانۇنبويىچەجىنايىجازابېرىشىڭلارنىسورايمىز.

.

ھۆرمەت بىلەن

توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئۆرلەۋ ماخمۇت

ئىلزات خالمۇرات

2020-يىلى4-ئاينىڭ9-كۈنى

1.  ج خ 2توپلام بىلەن ئەيىپلەشنامىدىن 8نۇسخا،جازا ئۆلچەش پىكىرنامىسى،تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش ھۆججىتى، خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

2.جاۋاپكار نXX ھازىر ئائىلىسىدە.ئالاقىلىشىش نۇمۇرى :1999XXXXX

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top