欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(左里皮党尔·塔某某,艾某提·玛哈提贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)74–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار   زۇلپىقار تايىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1995- يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6521221995، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەر **رايۇنى **-كوچا **-نومۇر قوشۇمچە **-نومۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ***شەھەر **رايۇنى ** كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشك **-نومۇرلۇق ئۆيدە. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1500يۇەن جەرىمانە قويۇلغان.2017-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.2014-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم نىشە چەكەنلىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن 15 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختىتىلغان.

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز  زەھەر سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 22-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايۋاغ رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

جاۋابكار ئەخەت مەخەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021986، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەر **رايۇنى **يولى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15كۈن توختىتىپ 2يىل مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15كۈن توختىتىپ 2يىل مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمگۇ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلگەن، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ج خ ئىدارىسى شىمىگۇ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي ئىشلار بويىچە 15كۈن توختىتىپ قويۇلغان.  2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي ئىشلار بويىچە 15كۈن توختىتىپ 2يىل مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ج خ ئىدارىسى ئىقتساد تېخنىكا تەرەققىيات رايۇنلۇق (تۇدۇڭخابا رايۇنى) شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي ئىشلار بويىچە 15كۈن توختىتىپ قويۇلغان.2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرشىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتىگە 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ قوشۇمچە 2000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن.2014-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرتىيانشان  رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتىگە 5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ قوشۇمچە 3000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن.2016-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 8ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ قوشۇمچە 5000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان.2017-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.  بۇ قىتىم  زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16- كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.2020-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز  زەھەر سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 22-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايۋاغ رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك2-قاماقخانىدا قاماقتا.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار زۇلپىقار تايىر،ئەخەت مەخەتلەرنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 21-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا  ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .

دىلونى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە 15كۇن ئۇزارتقان.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار ئەخەت مەخەت 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۇشتىن كېيىن سائەت 18دىن 15مىنۇتلار ئۆتكەندە،**شەھەر **رايۇنى **يولى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇرلۇق ئۆيىدە جاۋابكار ز**غا ئۈچ كىچىك بولاق ‹ناتاشا›نى 260يۇەنگە سېتىپ بەرگەن، جاۋابكار زۇلپىقار تايىر شۇ كۈنى سائەت 18دىن 30مىنۇتلار ئۆتكەندە، **شەھەر **ئونىۋىرسىتىتى **ئىشىكى ئەتىراپىدا،جاۋابكار ئەخەت مەخەتتىن سېتۋالغان ئۈچ كىچىك بولاق ‹ناتاشا›نى باشقىلارغا 360يۇەنگەسېتىپ نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2020) 027-نومۇرلۇق  زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش دوكلاتىدا جاۋابكار زۇلپىقار تايىر، ئەخەت مەخەتلەرنىڭ باشقىلارغا ساتقان 3 بولاق يېشىل رەڭلىك يۇپۇرماقسىمان ماددىنىڭ تەركىبىدە 2020027-1، 2020027-2، 2020027-3-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ماتىريالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق AMB-FUBINACA، ADB-FUBINACA، 5F-ADB(ناتاشا) تەركىپى بايقالمىغان بولۇپ  ئېغىرلىقى 1.234گىرام دەپ باھالىغان.

  جاۋابكار زۇلپىقار تايىر 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18دىن 30لاردا **رايۇنى **ئونۋېرسىنتى ئارقا ئىشىگى ئەتراپىداباشقىلارغا زەھەر ساتقان نەق مەيداندا مۇھىت تازلىق يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.سائەت 21لەردە جاۋابكار ئەخەت مەخەت  ، **رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيىدىن تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار زۇلپىقار تايىر،ئەخەت مەخەتنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ۋە**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3. جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار زۇل**،ئەخەت مەخەتلەرنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛ 

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار زۇلپىقار تايىر،ئەخەت مەخەت لەرنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددىسى ۋە 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەجىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                              تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                  تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان

2020–يىلى 6–ئاينىڭ 1-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكارلار ھازىر 2-قاماقخانىدا قاماقتا:

     2. 12 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

 3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top