欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(居某某危险驾驶案)_和某某人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检一部刑诉〔2020〕185号 

    خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)185  -نومۇرلۇق  

 جاۋابكار ج** ، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:*******02151656، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى: دىھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر،  2019-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ قۇيۇپ بىرىلىپ، شۇكۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھازىر كىپىللىكتە. 

جاۋابكارج**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارج** مەزكۇر دىلودا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

جاۋابكارج** 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كېچىدە دوستى ھ** بىلەن بىللە ** ناھىيە **بازىرىدىكى بىر سايلىقتا ئاپتوموبىلدا پاراڭلىشلاشقاچ ھاراق ئىچكەن.ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن قايىتماقچى بۇلۇپ مېڭىپ يېرىم يولغا كەلگەندە يولدىن ر**نى ئابتۇموبىلغا چېقىرۋالغان،ئاندىن داۋاملىق مېڭىپ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپپا يول بۆلىكىگە كەلگەندە،يان تىلىفۇنىغا قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ئابتۇموبىل يولدىن چىقىپ يول بۇيىدىكى دەرەخكە ئۈسۈۋالغان،نەتىجىدە ئابتۇموبىلدا ئولتۇرغان ھ** يارلىنىش،بىر قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان،ھادىسىدىن كىيىن، خېجىڭ ناھىيە بارۇن قارمۇدۇن بازىرى كىرات كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى دىجورنى ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقىلىپ قالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدەلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) ئىسپىرىتباھالاش*****-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋبكارج**نىڭ ھەر100مىللىلىتىرقان سۇيۇقلىقى تەركىبىدە154مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ باھالاش پىكرى چىقارغان بولۇپ، جاۋبكارج**نىڭ قىلمىشى مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىشىگە تەۋە. جاۋبكارج** دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكارج** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدامەست ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق. جاۋابكارج**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارج**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

       ھۆرمەت بىلەن: 

                    خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                           تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى 

                          2020-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى

 

قوشۇمچە :

1)جاۋابكارج**نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر: شىنجاڭ ** ناھىيە **بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپ **-نۇمۇر قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھازىر كىپىللىكتە.. ئالاقىلشش نۇمۇرى :

2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.

3)ئەيىپنامە سەككىز نۇسخا .

4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى 1 پارچە .

5)جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى بىر نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top