شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2020] يىللىق **-نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ن**، ئەر، **–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******650102199412، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى ** كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-زال **-ئۆي ، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** كوچىسى **- نومۇر **-بىنا **-زال **-ئۆي. 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر (يېڭى شەھەر) رايۇنلۇق شۆبىسىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر (يېڭى شەھەر) رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ن **نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقۇقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 2 قېتىم دېلو بېجىرىش ۋاقتى ئۇزارتىلدى. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 1-قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 18- كۈنى قايتا تاپشۇرۇپ ئالدۇق، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 2-قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قايتا تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ن** 2020–يىلى 3–ئاينىڭ 22–كۈنى سائەت 13:35 لەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر ** رايونى ** يولى **-نومۇر ** پونكىتى ئەتراپىدا، A1GW** 新 نومۇرلۇق ماشىنا ئىچىدە باشقىلارغا ئىككى كىچىك بولاق 0.23 گرام ئىغىرلىقتىكى زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) نى 200 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، ساقچىلار جاۋابكارنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئۇچ بولاق 0.44 گرام زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) نى تېپىپ چىققان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]**-نومۇرلۇق دوكلاتىدا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئالغان 0.23 گرام ماددىنىڭ تەركىبىدە مېتىل بۇترات تەركىبىنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن يۇقارقى زەھەرلىك چېكىملىك قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تالونى، قايتۇرۇپ بېرىش تىزىملىكى، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى؛
(2) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇمنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش مەركىزىنىڭ [2020]**-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكلاتى ۋە باھالاشنامىنى ئۇقتۇرۇشنامىسى؛
(3) ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى: زەھەرلىك بويۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى، زەھەرلىك بويۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى، ئاختۇرۇش خاتىرىسى، تونۇتۇش خاتىرىسى، بارماق ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ؛
(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛
(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى ؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبېيكتىپ راس، پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار ن** ئەيىبنامىدا بېكىتىلگەن جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ن** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بويۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ-سېتىش چەكلەنگەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئېلىپ–ساتقان قانۇنسىز قىلمىشىدىن زەھەر ئېلىپ–سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: دۆلەت چاغاتاي
تەپتىش ياردەمچىىسى : سەيپىدىن ئابدىرھېم
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1)جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا .
(1)تەھقىقلەش دېلوسى 4 توپلام، 4 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قۇبۇل قىلش مەسئۇلىيەتنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论