欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某盗窃案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 433-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار نى XX، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : 6529011987XXXXXXXX ، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرى XXيېزا XX كەنىت XX گۇرۇپ XXنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئامانلىق قوغدىغۇچى، ئىلگىرى جازالانغان ( 2020-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنىXX شەھەرلىك خەل سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ جازاسىنى 2 ئاي كىچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە 2000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىلگەن ) . 2019يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى XXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن .

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى (2020) 1537-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار نى XX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 03:00لەر ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى ئا XX ئاقسۇ شەھەر XXيولى XX ئولتۇراق رايۇنى XXبىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق، جىڭ چى ماركىلىق، ئاق رەڭلىك 3168 يۈەن قىممىتىدىكى توكلۇق موتسىكىلتنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار نى XXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار نى XXنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار نى XXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن

مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار نى XX ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : XXXX1566030

2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top