欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ  ئۇيغۇر  ئاپتونوم  رايونى  ئۈرۈمچى  شەھىرى  

يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  

ئەيىبنامىسى

 2020-ئۈ ش ي ت 1-بۆلۈم ج ئە 203-نومۇرلۇق

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

  جاۋابكار نى **، ئەر، 1986-يىلى **ئاينىڭ **كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى:*******6501041986 ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى **كوچىسى**نومۇر ** ئولتۇراق رايونى **بىنا**زال **نومۇر، ئىشسىز.

   جاۋابكار نى ** ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

   جاۋابكار نى ** زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

   جاۋابكار نى ** ئوغرىلىق قىلمىشى ئۈچۈن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەرىپىدىن، مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىلغان، ئېغېر كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىش بىكار قىلىنغان، 2020-يىلى7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، مەھكىمىمىز 2020-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار نى **نىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش، كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.

   جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار نى **، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى لىيۈشەن يولى شىمالى كوچا ** ئولتۇراق رايونى **بىنا **نۇمۇرلۇق دۇكان ئىچىدىن، زىيانلانغۇچى چاڭ**نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر دانە خۇاۋېي ماركىلىقmate30 تىپلىق يانفوننى ئوغرىلاپ چىقىپ، سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (يانفوننىڭ باھاسى 2753 يۈەن دەپ باھالانغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان)

   جاۋابكار نى **، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن رايونى مىچۈەن جەنۇبىي يولى**نومۇرلۇق پار قازان ساتىدىغان دۇكان ئىچىدىن، زىيانلانغۇچى لىيۇ**نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ،ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىككى دانە خۇاۋېي ماركىلىقNOVA تىپلىق يانفوننى ئوغرىلاپ چىقىپ، سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. ( ئىككى دانە يانفوننىڭ باھاسى 850 يۈەن دەپ باھالانغان)      

   جاۋابكار نى **، 2020-يىلى7-ئاينىڭ10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى ئالتاي يولى ** ئۇنۋېرسال بىناسى كارىدورىدا، زىيانلانغۇچى دۇ**نىڭ توختۇتۇپ قويغان، بىر دانە ئەيبۇ ماركىلىق ۋېلىسپىتنى ئوغرىلاپ كەتكەن. ( ۋېلىسپىتنىڭ باھاسى 875 يۈەن دەپ باھالانغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان)

   جاۋابكار نى **نىڭ ئوغرىلىق سوممىسى: 4478 يۈەن دەپ باھالانغان.

   دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار نى ** ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

    يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

   1. ماددىي ئىسپات : (ج خ ئورگىنى تۇتۇپ قالغان ماددىي بۇيۇم، ھۆججەت تىزىملىكى، قايتۇرۇلغان ماددىي بۇيۇم، ھۆججەت تىزىملىكى )؛

   2. يازما ئىسپات: تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى، دېلوغا ئائىت سوت ھۆكۈمى ۋە مەمۇرىي جازا قارارنامىسى، دېلوغا ئائىت تالون، كېسەللىك دىئاگىنۇزى ؛

   3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى:

   4. زىيانلانغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

   5. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

   6. دېلوغا چېتىشلىق ماددىي بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى؛

   7. ئېلىكتىرونلۇق يىپ ئۇچى ئانالىز دوكلاتى؛

   8. تونۇتۇش خاتىرىسى، ئۈندىدار ھېسابات خاتىرىسى؛

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار نى **نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ مال مۈلكىنى ئوغرىلىغان يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارغا ئوغرىلىق جىنايىتى بېكىتىپ قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك .

جاۋابكار نى ** ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى« نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

جاۋابكار نى ** قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار نى ** »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى «نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىگە ئەيىبلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

تەپتىش: ئېرپان ئەخمەت

كاتىپ: سۈرىيە پەرھات

2020–يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى

قوشۇمچە:

1. 9 پارچە ئەيىبنامە، ئۈچ توپلام ج خ دېلوسى بىرگە قوشۇپ يوللاندى. 

2. جاۋابكار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش خېتى بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top