شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى
يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
2020-ئۈ ش ي ت 1-بۆلۈم ج ئە 9-نومۇرلۇق
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار نى**، ئەر، ****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى : ********6501041984، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى** يولى **كوچا **-نومۇر **-رايون **-بىنا **-زال **-نومۇر، ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ئالتاي يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-زال **-نومۇر، ئىشسىز.
جاۋابكار نى** بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
جاۋابكار نى** ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
جاۋابكار نى** ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
جاۋابكار نى** ئوغرىلىق قىلمىشى ئۈچۈن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 10 كۈن توختىتىلغان.
جاۋابكار نى** 2019-يىلى10-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار نى**نىڭ بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلوغا بولغان تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋابكار نى مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.
دېلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە مۇقىملاشتۇردۇق:
جاۋابكار نى** 2019-يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-زال **-نومۇردىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، سۇ پۇلى يىغقىلى كىرگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چىيۇ ****نىڭ بوينىنى بىلىكى بىلەن قىسىپ تەھدىت سالغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 200 يۈەن بەرگەن ۋە ئالداپ ئۆيدىن بىللە سىرىتقا چىققان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قېچىپ قۇتۇلغان، جاۋابكار نى** ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار نى** قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى،دېلوغا ئائىت سوت ھۆكۈمى، ج خ ئورگىنىنىڭ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشى؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. تونۇتۇش خاتىرىسى؛
5. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار نى**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنى بۇلىغان يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 263- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارغا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بېكىتىپ قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك .
جاۋابكار نى** تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ « 65-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.
جاۋابكار نى** ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ « 67-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.
جاۋابكار نى**نىڭ ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار نى**نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئېرپان ئەخمەت
كاتىپ: سۈرىيە پەرھات
2020–يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى
قوشۇمچە:
1. 9 پارچە ئەيىبنامە، ئىككى توپلام ج خ دېلوسى بىرگە قوشۇپ يوللاندى.
2. جاۋابكار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا.
3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش خېتى بىر پارچە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论