欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                              پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ئە چىقىش (2020) 151-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار: نىXX، ئەر ، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، كىملىك نۇمۇرى: 0018******65212219، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** يولى ** ئۇلتۇرۇاق رايۇنى**-كۇچا **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق  ، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،پىچان ناھىيە ** ئورنىنىڭ ** قۇغدۇغۇچىسى ،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ ،پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن ،2020-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن .

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار نىXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى: 

2019-يىلى 01-ئاينىڭ 15-كۇنى سائەت 00دىن 35 مىنۇتلار ئۆتكەندە ، جاۋاپكار نىXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新K**** نۇمۇرلۇق ، «****»ماركىلىق ، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، جەنۇپتىن- شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ ، پىچان ** بازىرى **گازقاچىلاش پۇنكىتى ئالدى يول بۇلىكىگە كەلگەندە ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى چارلاش ساقچىلېرى تەرپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان .

شىنجاڭ خواتۇڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 0415-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : « جاۋاپكار نىXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى «mg/100ml287.82»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛3.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. تەكشۈرۈپ بايقاش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار نىXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار نىXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار نىXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار نىXXغا  3ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار نىXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

    2020-يىلى3-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار نىXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:137********

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top